بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 16 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 15627 قىتىم كۆرۈلدى
چاي ياغلىق جىگەر كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ
ياغلىق جىگەر كېسىلى بىمارلىرى تاماق يەپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ، سۇس دەملەنگەن چاي ئىچسە ، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق . ئاددەتتە ، دائىم ئىچىلىدىغان چايلاردىن پەمىل چاي ، كۆك چاي ، قارا چاي ، ۋۇلۇڭ چېيى قاتارلىقلار بولۇپ ھەممىسىنىڭ ياغنى تۆۋەنلىتىش رولى بار . بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆك چاينىڭ ياغنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى . چاي تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى ، ۋىتامىن B1 ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ياغنىڭ جىگەردە توپلىنىشىنى تىزگىنلەيدۇ . ۋىتامىن B1 ياغنى ئېرىتىپ ، ئورگانىزمغا ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرىدۇ ھەم جىگەر توقۇلمىلىرىدىكى جىگەر يېغى فېرمېنتىنى جانلاندۇرۇپ ، ياغ پىروكسىد مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ ، قان يېغىنى تەڭشەيدۇ .
تاماق يەپ بولۇپلا چاي ئىچمەسلىك ، بولۇپمۇ گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن دەرھال چاي ئىچمەسلىك كېرەك . چۈنكى ، چاي تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ ، ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز ماددا ھاسىل قىلىپ ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قەۋزىيەت پەيدا بولۇپ ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ ، ياغلىق جىگەرنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ . شۇڭا ، ياغلىق جىگەر كېسىلى بىمارلىرى تاماق يەپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاندىن سۇس دەملەنگەن چاي ئىچىشى كېرەك .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت