busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 15498 قىتىم كۆرۈلدى
جىددىيلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىقنى قانداق داۋالاش كېرەك؟
بەزى كىشىلەر خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىشىشى سەۋەبىدىن كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئۇيقۇسىزلىق ھەرگىز بىر كېچە ئۇخلىيالماسلىقنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئىككىنچى كۈنىدىكى روھىي كەيپىياتقىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال تەكرارلانسا يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇيقۇسىزلىق بىر نەچچە كۈن داۋاملاشسا، خىزمەت ئېغىر بىلىنىدۇ، روھىي ھالەت ناچارلىشىدۇ. شۇڭا، كەيپىيات جىددىيلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى ئاساس قىلىش كېرەك.

 1 . كېسەل سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇش كېرەك. ئۆزىدىكى ئۇيقۇسىزلىقنى كۈندۈزدىكى جىددىيلىشىشتىن كېلىپ چىققان، دەپ تونۇپ، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىش كېرەك.

2 . ئۆزىگە توغرا باھا بېرىش كېرەك. جىددىيلىشىشنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىگە توغرا باھا بېرەلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن باھا بېرىپ، ئارتۇقچىلىق ۋە نەتىجىلەرنى بايقىغاندا، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، جىددىيلىشىشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
3 . پىسخىك داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەندە، بىر مەزگىل دورا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

 شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282