بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 15525 قىتىم كۆرۈلدى
مۇۋاپىق ئاچچىقلىنىشنىڭمۇ بەزىدە مېڭىگە پايدىسى بار
ئاچچىقلىنىش ناچار كەيپىيات بولۇپ ، كىم ئاچچىقلانسا بىز ئۇنى ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا ئۈندەيمىز . ئەمما يېقىندا ئىسپاتلىنىشچە ، ئاچچىقلىنىشنىڭمۇ ‹‹ پايدىلىق ۋە پايدىسىز›› تەرەپلىرى بولۇپ ، مۇۋاپىق ئاچچىقلىنىشنىڭ چوڭ مېڭىنى قوزغىتىشقا پايدىسى بار ئىكەن .
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە ، ئازراق ئاچچىقلىنىپ قويۇشنىڭ رولى بەزىدە ئاكتىپ كەيپىياتلارغا ئوخشاش ، چوڭ مېڭىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئالاھىدە رايوننى قوزغىتىپ ، كىشلەرنىڭ پىسخىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئادەمدە خۇشاللىق ۋە قانائەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىكەن .
ئەلۋەتتە بۇ خىل ئاچچىقلاش بىر تۈرلۈك ساغلام بولغان ئاچچىقلىنىشتۇر . بۇنىڭدىكى مەقسەت ، كەيپىياتنى توغرىلاش بولۇشى كېرەككى ، ھەرگىز باشقىلارنى رەنجىتىش بولماسلىقى كېرەك . ئاچچىقلىنىشنىڭمۇ مەلۇم چېكى بولۇپ ، بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت