busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 46743 قىتىم كۆرۈلدى
قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلماڭ
قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى خالىغان چاغدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ . ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندە ياكى ياشانغاندا بەدەندىكى قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىدۇ . شۇڭا ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار تەركىبىدە گىلۇكوزا مول بولغان قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى ، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك . چۈنكى ، ئادەم ئۇخلىغاندا يۈرەكنىڭ رېتىمى ئاستىلايدىغان بولغاچقا ، بەزى قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىدىكى قىيام تۈرىدىكى ماددىلار قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋېتىپ ، ئايرىم ئەزالاردا قان ھەرىكىتىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، مېڭە قان نوكچىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن . شۇڭا ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار بولۇپمۇ ، يۇقىرى قان بېسىمى ، قان يېغى ئېشىپ كېتىش ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغانلار ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك .

 

شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282