بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11 دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 29493 قىتىم كۆرۈلدى
يۈرەك رېتىمىنىڭ قالايمىقان بولۇشى ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ
بىر قىسىم ياشانغانلاردا ھېچقانداق ناچار روھىي تەسىر ۋە پىسخىك بېسىم بولمىسىمۇ ، كېچىدە ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ ياكى كۆپ ئويغىنىپ كېتىدۇ ؟ بۇ نېمە ئۈچۈن ؟
تېببىي تەتقىقاتلاردا بايقىلىشچە ، روھىي ئامىل تەسىرى بولمىغان ئۇيقۇسىزلىقتا يۈرەك رېتىمى ھەر مىنۇتتا 52 قېتىم ئەتراپىدا بولىدىكەن . نورمال كىشلەرنىڭ بولسا ھەر مىنۇتتا 70–80 قېتىم بولىدىكەن . بۇ خىل ئۇيقۇسىزلىقنى يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىش ، يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ، يېنىك دەرىجىدىكى يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا يۈرەك رېتىمى تېز بولسىمۇ ، ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىدىكەن . شۇڭا ، يۈرەكنى تەكشۈرتۈپ ، ۋاقتىدا داۋالانسا ، ئۇيقۇسىزلىقمۇ يوقىلىدۇ .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت