busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 24189 قىتىم كۆرۈلدى
ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تۆت ‹‹ مۇھىم نۇقتا››
سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
ئۆتتىكى تاشنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن يەنە قايتىدىن تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ، يېمەك-ئىچمەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .ئۆتتىكى تاشنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بىمار سۇيۇق ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن سىرت ، ياغسىز ، يۇقىرى ۋىتامىنلىق ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك .دانلىق زىرائەت ، قارا ئاشلىق ، يېڭى مېۋە-چىۋە ، ئاقسىل تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن سىرت ، يەنە مايسىز گۆش ، بېلىق گۆشى قاتارلىق ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى ، ياغ مىدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ، كۈنىگە 60گىرامدىن 80 گىرامغىچە ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك .ھەدىدىن زىيادە كۆپ تاماق يېيىشتىن ساقلىنىپ ، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ، پۇرچاق ئويۇتمىسى قاتارلىق ئاسان تاش پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىپ ، كۈنىگە 2000 مىللىلىتىردىن كۆپ سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك .
تېز ئورۇقلاشتىن ساقلىنىش
سېمىزلەر ئورۇقلاش كېرەك ، بىراق قىسقا مۇددەت ئىچىدە تېزدىن ئورۇقلاشقا بولمايدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىپ ، ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇشتەك ئىلمىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ ، ئېيىغا بەدەن ئېغىرلىقىنى بىر كىلوگىرام ئەتراپىدا تۆۋەنلەتسە بولىدۇ .
شىلانكا بىلەن دوختۇرخانىدىن چىققاندا يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك
ئۆتتە قالدۇق تاش بولۇپ ، شىلانكا بىلەن دوختۇرخانىدىن چىققاندا ، يارا ئېغىزىنىڭ پاكىز ، قۇرغاق تۇرۇشىغا دىققەت قىلىپ ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ دورا ئالماشتۇرۇش كېرەك .بۇ ئارىلىقتا يۇيۇنۇشقا قەتئىي بولمايدۇ ، ھەر كۈنى چوڭ-كىچىك تەرەتنىڭ رەڭگىنى كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك . ناۋادا سوغدىنىش ، قىزىش ، سېرىقلىق ، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك .
ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە قەرەلىدە دوختۇرخانىغا بېرىپ B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرتۈشى كېرەك .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282