بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 32601 قىتىم كۆرۈلدى
بۇرۇننى ئۇۋۇلاپ بەرسە ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، جۇڭيى تېبابىتىدە بۇرۇن نەپەسلىنىش يولىنىڭ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى ئىشىك دەپ قارىلىدىكەن . ئىقتىدار جەھەتتىن ئېيتقاندا ، بۇرۇن ھەم نەپەسلىنىش يولىنىڭ كىرىش -چىقىش ئېغىزى ، ھەم كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكروب ، چاڭ - توزان قاتارلىقلار كىرىدىغان 1- مۇداپىئە سېپى بولغاچقا ، قىش پەسلىدە بۇرۇن ساغلاملىقى ، بۇرۇننى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدىكەن . ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق شىللىق پەردىنىڭ ئاجرالما ئاجرىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ نەملىكىنى ساقلىسا ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاپ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىكەن . كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا ، بۇرۇننىڭ ئىككى يېنىدىكى پەللىنى ئۇۋۇلاشنى ئاساس قىلىدىكەن . بۇرۇننى ئىككى تەرەپتىن ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ئوكسېگىننىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرغىلى ، باكتېرىيەگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن . ئىككى قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پەللىنى بېسىپ ، سائەت ئىستىرېلكىسىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىگە قارشى ۋە ئوخشاش يۆنىلىشتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 قېتىم ئايلاندۇرسا بولىدىكەن .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت