busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 36753 قىتىم كۆرۈلدى
يول مېڭىش سۈرئىتى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوس ئانژېلېس، 4 – يانۋار تېلېگراممىسى. ئامېرىكىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يول يۈرۈش سۈرئىتىنىڭ تېز – ئاستىلىقى ئۇلارنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشلىق ئىكەن.
ئامېرىكا پىتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭى بىر ساندىكى ‹‹ئامېرىكا مېدىتسىنا ژۇرنىلى››دا خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز 65 ياشتىن يۇقىرى 340مىڭ كىشىنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، يول يۈرۈش سۈرئىتى تېزراق ياشانغانلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، يول يۈرۈش سۈرئىتى بۇنىڭدىن كېيىن بەلكىم ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئۆلچەشتىكى كۆرسەتكۈچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تەتقىقاتچىلار چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: يول يۈرۈش جىسمانىي كۈچكە ئېھتىياجلىق، يۈرەك، ئۆپكە، قان ئايلىنىش سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى ۋە مۇسكۇل، سۆڭەك سىستېمىلىرىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يول يۈرۈش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى بەلكىم ئادەم تېنى ئىچىدىكى مەلۇم سىستېمىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يول يۈرۈش تېخىمۇ كۆپ جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدارنى سەرپ قىلىدۇ، بۇ بەلكىم ياشانغانلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزاق – قىسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282