busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 21 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 28545 قىتىم كۆرۈلدى
شېكەرنىڭ زىيىنى
سىز يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق سالامەتلىكىڭىزنى ياخشىلىماقچى بولسىڭىز، ھازىردىن باشلاپ شېكەردىن يىراقراق تۇرۇڭ، ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ مىقدارىنى ئازايتىڭ. چۈنكى ئازراق شېكەرمۇ ئادەم بەدىنىدىكى ھورمون ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەننىڭ فىزىيولوگىيەلىك ھالىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شېكەر تەتۈر ئوزۇقلۇق بولۇپ، بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلارنى خورىتىپ، كالتسىينىڭ سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن سۆڭەكتىكى بىر قىسىم كالتسىينى قانغا يۆتكەپ، كالتسىينىڭ قاندىكى قويۇقلۇقىنى ساقلايدۇ، شۇڭا كۆپ مىقداردا شېكەر ئىستېمال قىلغاندا،سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شېكەر يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ماگنىي، خىروم ۋە سىنك قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئاسانلا زۇكام ۋە باشقا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ. شېكەر يەنە كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاقسىلنى ئامىنو كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا سالامەتلىكىڭىزنى ياخشىلاي دېسىڭىز شېكەر، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك ۋە ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەرنى يېيىش ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282