ئاڭلاش ئىقتىدارىڭىز تۆۋەنلەپ كەتسە ، يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاڭ
ئادەمنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، ئاڭلاش ئىقتىدارى تەدرىجى تۆۋەنلەيدۇ . بىراق ئامېرىكىنىڭ ‹‹ بۈگۈنكى مېدىتسىنا››تور بېكىتىدە خەۋەر قىلىنىشچە ، ياشانغانلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى قاندىكى يوپۇرماق كىسلاتاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن .
تەتقىقاتچىلار 60 ياشتىن يۇقىرى 126 ساغلام كىشىنى يىغىپ ، ئۇلارنىڭ قېنىدىكى مىكرو ئېلېمېنتلارنى ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تەكشۈرگەن ، نەتىجىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى قانچە تۆۋەن بولغان كىشلەرنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق ئاۋازلارغا بولغان سەزگۈسىنىڭ شۇنچە تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايتى زىچ . ‹‹ قۇلاق ، بۇرۇن ، كېكىردەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، بويۇن تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى ، گەرچە ياشانغانلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەن بولۇشى كۆپ ئۇچرىسىمۇ ھەم ئۇنىڭدىكى سەۋەب ئېنىق بولمىسىمۇ ، بىراق بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىنىشچە ، ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن ياشانغانلار مۇۋاپىق مىقداردا يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلىسا بولىدىكەن ياكى يوپۇرماق كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېسە بولىدىكەن ، مەسلەن ، كۆكتات ، يېڭى مېۋە-چىۋە دېگەندەك .