busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 22449 قىتىم كۆرۈلدى
چاچ بويىقىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن بىرقانچە نوقتىغا دىققەت قىلىش لازىم
    نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىش پىسخىكىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، چاچ بويىقى ئىشلىتىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپەيمەكتە. ئەمما چاچ بويىقىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتىغا دىققەت قىلىشنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم:
   بىرىنچىدىن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاسان ئۆچمەيدىغان بوياقلارنى ئاز ئىشلىتىش، ئىشلەتكەندە ئەڭ ياخشىسى رەڭگى سۇسراقىنى ئىشلىتىش ھەم ئوخشىمىغان بوياقلارنى بىر ۋاقىتتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى بوياقلار ئارىسىدا خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئۇزاق ۋاقىت كۆپلەپ بوياق ئىشلەتمەسلىك، بولۇپمۇ خىمىيەلىك بىرىكمە بوياقلارنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر چاچ بويىغاندا تېرە ياللۇغلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە قايتا چاچ بويىماسلىق كېرەك.
   ئىككىنچىدىن، چاچ بوياش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك، بوياشتىن بۇرۇن باشقا ئازراق ۋازىلىن سۈركەش لازىم. ئەگەر سۇيۇق دورا سۈركەلسە، يۇيۇش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. چاچنى بوياپ بولغاندىن كېيىن سۈزۈك سۇدا بىرقانچە قېتىم يۇيۇش، بوياق قالدۇقلىرىنى قالدۇرماسلىق كېرەك. چاچ يۇغاندا باش تېرىسىنى بەك تاتلىۋەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئۈچىنچىدىن، چاچ بويىغاندا كىرپىك ۋە قاشنى بويىماسلىق كېرەك. چىقان چىققان، تېرىسىدە يارا بار، بوياق رېئاكسىيە بېرىدىغان كىشىلەر چاچ بويىماسلىقى كېرەك. ئەگەر بوياشقا توغرا كەلسە، چوقۇم رېئاكسىيە سىنىقى قىلىپ بېقىش يەنى بوياقنى قۇلاقنىڭ كەينىگە سۈرتۈپ بېقىپ، ئىككى كۈن ئىچىدە ھىچقانداق رېئاكسىيە يۈز بەرمىسە، ئاندىن بوياش كېرەك.
شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282