بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 19470 قىتىم كۆرۈلدى
كۈز پەسلىدە تېرە ئاسراشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كۈز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا ، تېرىدىكى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى تېز بولىدۇ .تېرە تارتىشىپ ، قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ . ئەگەر بۇ چاغدا تېرە ئاسراشقا سەل قارالسا ، تېرە زىيانغا ئۇچرايدۇ . كۈز پەسلىدە تېرە ئاسراشتا تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك :
1. تېرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك . كۈز پەسلىدە ئوتتۇرھال تىپتىكى يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ، ئىسپىرت تەركىبى بولمىغان پەرداز سۇيۇقلۇقى ، تېرىگە سۇ تۇلۇقلايدىغان كۈندۈزلۈك ۋە كەچلىك يۈز مايلىرىنى ئىشلىتىش ، تېرىنى نەمدەش ، ئاقارتىش ئۈنۈمى بار يۈز تازىلاش مەلھىمى ئىشلىتىش كېرەك .
2.تېرە ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . كۈندۈزى ئىككى قېتىم تېرە تازىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ، شۇنداقلا تېرە ئاسراش مېيىنى سۈرتۈپ ، تېرىگە مەلۇم مىقداردا ھۆللۈك ۋە ماي يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك . كەچتە ئالدى بىلەن يۈزنى ئىلمان سۇ ۋە يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپ بولۇپ ، تەركىبىدە ئىسپىرت يوق پەرداز سۇيۇقلۇقى بىلەن تېرىنى قايتا تازىلاپ ، تېرىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان كەچلىك تېرە ئاسراش مېيىنى سۈرتۈش لازىم .
3.ئوزۇقلۇقنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . ئوزۇقلىنىش جەھەتتە كۆكتات ، مېۋە – چېۋە ، بېلىق ، قارا گۆش قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ؛ تاماكا چەكمەسلىك ، ھاراق ۋە قېنىق چاي ئىچىشتىن قەتئىي ساقلىنىش ، كۆپرەك شورپا ئىچىپ بېرىش كېرەك .
شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت