چىراي ئاسراشتىكى ئاددىي رېتسىپلار
يۇمغاقسۈتنى قاينىتىپ، تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ، ھەر كۈنى بۇنىڭ بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە سەپكۈننى چۈشۈرىدۇ.
ھەسەلدىن بىر قوشۇق ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۈچ قوشۇق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ ھەر كۈنى يۈزىگە سۈركەپ، ھەسەل تېرىگە سىڭىپ كەتكۈچە تەخمىنەن 10 مىنوت ئەتراپىدا ئۇۋىلاپ بەرسە، تېرە پارقىراق ۋە يۇمران بولىدۇ.
كالا سۈتىنى يۈز ۋە قولغا سۈرتۈپ بەرسە، تېرە پارقىراق ۋە يۇمران بولىدۇ.
ئاخشىمى ياڭاق مېغىزىنى يۇمشاق ئېزىپ، يۈزگە چېپىپ بەرسە، يۈزدىكى سەپكۈن ۋە داغنى يوقىتىدۇ.
تەرخەمەكنى ئوتتۇرىسىدىن ئىكى پارچە قىلىپ كۈندە 15 مىنوت ئەتراپىدا يۈزگە سۈرتۈپ بېرىشنى بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى سەپكۈن يوقىلىدۇ.
تۇخۇم ئېقىدا رىشالە قىلىپ، يۈزگە چاپسا يۈز تېرىسىنى سىلىقلاشتۇرۇپ پارقىرىتىدۇ.
بادام مېغىزىنى كۆيدۈرۈپ قاش ۋە كىرپىككە سۈرمە قىلىپ تارتسا تۈك بەزلىرىگە قۇۋۋەت بېرىپ قاش- كىرپىكلەرنى ئۆستۈرىدۇ ۋە قارايتىدۇ.
يۈز يۇيىدىغان سۇغا بىر قانچە تېمىم ئاچچىقسۇنى قۇشۇۋەتسە، يۈزنى سېلىقلاشتۇرىدۇ ۋە ئاقارتىدۇ.