بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 22239 قىتىم كۆرۈلدى
ئاياللار كىلماكتېرىيە دەۋرىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
1. كىلماكتېرىيە (ھەيز كېسىلىش)دەۋرىگە ئائىت ساۋاتلارنى بىلىشى كېرەك .
2. پىسىىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى يەنى ئۆزىنى خوشال تۇتۇشى ، قورقۇنچلۇق خىياللاردا بولماسلىقى ، بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئويلىماسلىقى كېرەك .
3.ئىناق ئائىلە كەيپىياتىنى يارىتالىشى ، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى كېرەك .
4. ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشى ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشى قانۇنيەتلىك بولىشى ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ، چاي قاتارلىق ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكى ، قورقۇنۇچلۇق ، تەسىرلىك فىلىملارنى كۆرمەي ۋاقتىدا ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
5.كىلماكتېرىيە دەۋرىدە ئاشقازاننىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاقسىللىق ، ۋىتامىنلىق ، كالتىسىيلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك .
6.ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن جىنسىي يولدىن قان كەلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتىشى كېرەك .
7. شەخسىي تازلىققا ، بولۇپمۇ ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .
شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت