busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 16920 قىتىم كۆرۈلدى
مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى كۆزلىگەن ئاياللار ئەرلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك؟
    ئاياللارنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى، تىجارەت يولىدىكى مۇۋاپىقىيىتى نېمە ئۈچۈن ھامان ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن تەڭلىشەلمەيدۇ؟ بۇ سۇئال نۇرغۇن ئاياللارنى جەلپ قىلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ كەسپىي ئىقتىدارنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى تەپەككۇر شەكلىدىكى پەرقتىن كىلىپ چىققان. سودا- تىجارەت يولىدا، كەسپىي جەھەتتە ئەرلەردەك مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى كۆزلىگەن ئاياللار ئىشنى ئەرلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئويۇن قائىدىسىنى چۈشنىشتىن باشلاپ، ئەرلەرگە ئوخشاش تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىش قىلىشنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك.
مەيلى سودا- تىجارەتتە ياكى كەسپىي ساھەدە بولسۇن رەت قىلىنىشتىن قورقماڭ.
   ئاياللار كۆپىنچە رەت قىلىنىشتىن قورقىدۇ، شۇڭا كۆڭلىدىكى ھەقىقىي تەلىپىنى ئېيتالمايدۇ، كەسپىي ساھەدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىنىڭ باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن قايتۇرۋېتىلىشى ياكى سودا- تىجارەتتە رەت قىلىشقا ئۇچراش ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇتلەق ئىنكار قىلىشقا، پۇرسەت قالمىغانلىققا، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتىقاندا، رەت قىلىشقا ئۇچراش يەنە باشقا نۇرغۇن ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىغا، ھازىر رەت قىلىشقا ئۇچرىغان بىلەن يەنىلا پۇرسەت بارلىقىغا، باشقا شەكىلنى قوللىنىپ داۋاملىق تىرىشىپ، مەسىلە كۆرۈلگەن نوقتىنى ئۆزگەرتىپ، قايتا تەكلىپ بەرگەندە ھامان قوبۇل قىلىنىدىغانلىقتىن دىرەك بېرىدۇ.
  شۇڭا، ئاياللار ئۆزىنىڭ سىزىمچان، ئاجىز، كىشلىك مۇناسىۋەتكە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىپ تۇرمۇش نىشانىنى قايتا پىلانلىشى، ئۆز- ئۆزىگە مەن چوقۇم كۆزلىگەن مەقسىتىمىگە يىتەلەيمەن دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىنى كۆپرەك ئويلىشى، مەغلۇبىيەت بىلەن ئوڭۇشسىزلىقنى كېيىنكى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
مەيلى سودا سورۇنى ياكى كەسپىي ساھەدە بولسۇن ئۆز قارىشىڭىزنى ئىپادىلەشتە جۈرئەتلىك بولۇڭ.
    ئەرلەر كىچىكىدىن باشلاپلا ئىش قىلغاندا باتۇر بولۇشقا، ئۆز پىكىرىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. ئۇلار تۈرلۈك بەسلىشىشكە، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئاللىبۇرۇنلا رىقابەت ۋە ئۇتۇش- ئۇتتۇرۇشقا كۆنۈپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى مەڭگۈلۈك غالىپلىقنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. ئاياللار بولسا توققۇزىنى تەل قىلىشقا ئادەتلەنگەن، گەرچە ئىنتايىن ئەستايىدىل مەسئۇلىيەتچان بولسىمۇ، دوكلات قىلىشقا ماھىر بولمىغاچقا، 100 نومۇرلۇق تەييارلىق قىلىسىمۇ ئاخىرىدا ئېرىشىدىغان نومۇرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. ھالبۇكى ئەرلەر 60 نومۇرلۇق تەييارلىق بىلەن 100 نومۇرلۇق نەتىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
   تۆۋەندىكىدەك ئىش بېشىڭىزدىن ئۆتكەنمۇ؟ ئەر خىزمەتدىشىڭىز ياكى سودا رىقابەتچىڭىز يېقىندىن بۇيان دائىم ئاكىتپچانلىق بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، خۇددى پۇختا تەييارلىق قىلىپ كەلگەندەك سۆزلەپلا كېتىدۇ ياكى قارىشى تەرەپنى سودا-تىجارەت پىلانى جەھەتتە مايىل قىلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەت ئەكسىچە، ئۇ تەكلىپنى سىزچىلىك چۈشەنمەيدۇ. شۇنداقلا سىزچىلىك ئەتراپلىق ماتىرىيال كۆرگەن ئەمەس. لېكىن سىز ئىزچىل پىكر قىلىشقا، قارشى تەرەپكە سودا جەھەتتىكى ئىلغار كۆز قاراشلىرىڭىزنى چۈشەندۇرۇشكە پۇرسەت تاپالمىدىڭىز، شۇڭا ئۇلار سىزنىڭ مەۋجۈتلۇقىڭىزنى سەزمەيدۇ، سىزنىڭ قانچىلىك ئىنچىكە تەييارلىق قىلغانلىقىڭىزنى تېخىمۇ ئويلاپ قويمايدۇ. نەتىجىدە سىز دائىم ئەر كەسىپدىشىڭىزغا ياكى رىقابەتچىڭىزغا ئۇتتۇرۇپ قويسىز.
    دەرۋەقە، سودا- تىجارەتتە تولۇق كەسپىي تەييارلىقتىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى، ئىپادىلەش پۇرستىنى چىڭ تۇتۇڭ. قارشى تەرەپنى مايىل ۋە قايىل قىلىشقا تىرىشىپ ئىقتىدارىڭىزنى نامايەن قىلىڭ. پۇرسەت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئىقتىدارنى نامايەن قىلغاندىلا ئاندىن نومۇر ئېلىش پۇرسىتى بولىدۇ.
ئىپادىلەش تاكتىڭىز بولسۇن.
    يىغىن ياكى قارشى تەرەپ بىلەن سودىلىشىش، سۆھبەتلىشىش پۇرسىتى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىش شەكىللىرىنىڭ بىرى. ئۆزىڭىز قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان سودا پۇرسىتىگە ئىرىشىش ئۈچۈن، سۆزلىرىڭىز قىسقا، جانلىق، مەقسىتىڭىز ئېنىق بولسۇن. سودا ساھەسىدىكىلەردىن ھىچكىممۇ ئۇزۇن، چۇۋالچاق يېرىم سائەتلىك دوكلاتنى ئەمەس، ئەكسىچە ئون مىنۇتلۇق قالتىس قىسمىنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاياللار كۆپىنچە مۇھىم نوقتىنى خىرەلەشتۈرۈۋىتىپ، يەنە كىلىپ گەپنى ئۇزارتىۋىتىپ باشقىلارنى زىرىكتۈرۈپ قويىدۇ.
    بۇنداق سۆھبەتلەرنىڭ كىرىش سۆزىدە ۋەزنى ئاجىز جۈملىلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن: ‹‹ۋاقتىڭىلارنى ئىسراپ قىلغانلىقىمنى كەچۈرۈڭلار››، ‹‹بەلكىم سىلەرمۇ بۇ يېڭى ئوي- پىكىرلەرنى ئويلىغان بولۇشىڭىلار مۇمكىن›› دېگەندەك.
سودا- تىجارەتتە ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈڭ.
   ئەرلەر مەيلى خىزمەتتە ياكى تىجارەتتە ئاساسلىق رول بولۇشقا ئادەتلەنگەن. پۇرسەت بولسىلا تەبئىي ھالدا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنى كۆزىتىش پۈرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ باش رول ئالىدۇ. بۇنىڭغا سىلىشتۇرغاندا، ئاياللار سۈكۈت قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، باشلىقىنىڭ ئىلتىپات قىلىشىنى، سودا- تىجارەتتە باشقىلارنىڭ يول قويۇشىنى كۈتىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزگە تەمەننا قويماڭ. كۈنبۇيى تىرىشىپ ئىشلەپ ئىشخانىدا ئولتۇرسام، خوجايىن شىركەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ دەپ ئويلىماڭ. ئەمەلىيەتتە، سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتمىسىڭىز خوجايىن سىزگە دىققەت قىلمايدۇ.
  سىز كوللېكتىپنىڭ ئەڭ يېڭى خىزمەت نەتىجىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەرەرلىك ھالدا خوجايىنغا دوكلات قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ مۇنەۋۋەر رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىزنى ئىنكاس قىلىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىزمەت ۋەزىپىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلارغا نېمىلەرنى قىلىپ بىرەلەيدىغانلىقىڭىزنى، ئورتاق پايدىلانغىلى بولىدىغان قانداق بايلىق مەنبەيىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرسىڭىز بولىدۇ.
كەسىپداشلار ئارا دوستلۇقنى قەدىرلەڭ.
   ئاياللار دائىم خىزمەتداشلار بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەك دەپ قاراپ، سەپدىشىنى دوستى بىلەن تەڭ قىلىۋېلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان. ئاياللارنىڭ قارىشىچە، دوست بولمىسا، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغىلى بولمايدۇ. مۇھىمى ئاياللار كەسپىي خىزمەتلەردە ياكى سودا- سېتىق ساھەسىدە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۆلچەم قىلىشقا ئادەتلەنسە، دۇستلۇق مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزمىسە ئاندىن پۈت تىرەپ تۇرالايدۇ. خىزمەتداشلار دوست بولمىسىمۇ، خىزمەتتە ماسلاشسىلا ئورتاق نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھەمكارلىشالايدۇ. شەخسىي ھېسىياتنى خىزمەتكە ئارىلاشتۇرۋالغاندا، خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. ھەر قانداق ساھەدە كەسىپداشلارنىڭ ئۆز ئارا بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاپ قېلىشى ناھايىتى مۇھىم، ئەگەر ھەر ۋاقىت دوستلارنىڭ كۆڭلىنى ئايايمەن دەپ ئومۇمنىڭ ئىشىغا تەسىر يەتكۈزسە، چوقۇم يامان تەسىر پەيدا قىلماي قالمايدۇ.
   ئاياللار رىقابەتكە يۈزلىنىشتىن، خېيىم- خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قۇرقماسلىقى كېرەك.
    ئادەتتە نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ رىقابەت ۋە مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەندە ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش- چىقالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ بېسىم پەيدا قىلىۋالىدۇ. ئەرلەر ئەكسىچە تولىمۇ ئۈمىدىۋارلىق بىلەن يېڭى ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىدۇ، گەرچە قايسى تەرەپتىن قول سىلىشنى بىلمىسىمۇ، بۇنى باشقىلارغا چاندۇرمايدۇ ھەم ئۆزىگە قەتئىي ئېشىنىدۇ.
    يېڭى رىقابەت يېڭى نامايەن قىلىش پۇرسىتىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ تۇراقسىزلىققا تولغان بولىدۇ، ئاياللار ئۆز ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك، چۈنكى باشقىلار يۈزلىنىۋاتقان مەسىلە سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش.
   يەنە بىرىسى ھەر بىر تەدبىرنىڭ ئارقىسىغا خەتەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بىراق مۆلچەرلەش تەس. ئەگەر يېڭى قەدەم تاشلانمىسا، مۇۋەپپەقىيەت پۇرسىتىمۇ بولمايدۇ. ئاياللار كۆپ ھاللاردا بىخەتەرلىكنى كۆزلەپ ئەسلى ئورنىدا تۇرىۋالىدۇ-دە، ھامان بىر كۈنى باشقا بىرىگە ئۆزنىڭ پۇرسىتىنى تارتقۇزۇپ قويىدۇ. ئاياللار قەدەممۇ- قەدەم مەشىق قىلىپ خەتەرگە يۈزلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئۆزگىرىشتىن قورۇقماسلىقى كېرەك. ئۆگىنىش جەريانىدا مەغلۇپ بولۇش تەجرىبىسىمۇ سىزنىڭ تېخىمۇ زور تەدبىر ۋە خەتەرنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ئىشنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە، جىددىي ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
    ئەرلەرنىڭ خىزمەت نىشانى ناھايتى ئوچۇق بولۇپ، ئاخىرقى نىشانىنىڭ قەيەردىلىكىنى پىششىق بىلگەچكە، ئاسانلىقچە نىشاندىن چەتنەپ كەتمەي، بۆلەكلەر بويىچە ھەر قايسى قىسقا مۇددەتلىك نىشانلارغا يېتىپ، ئاخىرقى پەللىگە ئۈنۈملۈك يېتىپ بارالايدۇ. ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئائىلىگە ھەم كەسپىي خىزمەتلەرگە تەڭ كۆڭۈل بۆلگەچكە، زور بېسىمغا ۋە تۇسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئۇلارمۇ مۇھىم نىشاننى بېكتىۋېلىپ زېھنىنى ئاشۇ نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قالغان ۋاقتىدا باشقا ئىشلارنىڭ مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىگە قاراپ ئورۇندىشى كېرەك. شۇندىلا نىشانىغا تېز يىتەلەيدۇ.
ئاغرىنىشنى رەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
    خىزمەتتە قىيىنچىلىق ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، ئاياللار تۈرلۈك نارازىلىقى ۋە قايغۇسىنى ئىپادىلەپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىنى ھەممەيلەنگە بىلدۇرىۋىتىدۇ. نەتىجىدە ئەسلىدىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ. ھەممە ئادەم قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ، لېكىن ئەرلەر باشقا خىزمەتداشلىرىغا قايغۇسىنى ئىپادىلىمەيدۇ، جىددىي كەيپىياتىنىمۇ باشقىلارغا چاندۇرمايدۇ، چۈنكى بۇ خىزمەتنى ئورۇنداشقا پايدىسىز. شۇڭا كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
    بۇلاردىن باشقا مۇھىم شەخسكە يېقىنلىشىشقا ماھىر بولۇش ۋە سۆزى يۇمۇرلۇق، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان بولۇشمۇ ئاياللار ئەرلەردىن ئۆگىنىشىكە تېگىشلىك ماھارەتلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.
شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282