busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 6114 قىتىم كۆرۈلدى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى يېقىندا ئەر – خوتۇن زەھەر ئېلىپ – سېتىش شايكىسىنى تارمار قىلىپ، 10 كىلوگرام زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈردى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى يېقىندا ئەر – خوتۇن زەھەر ئېلىپ – سېتىش شايكىسىنى تارمار قىلىپ، 10 كىلوگرام زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈردى .
2010 – يىلى 12 – ئاينىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى3–چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى، فاڭ فامىلىلىك سىچۈەنلىك ئەرنىڭ ئۈرۈمچىدە زەھەر ئېلىپ–سېتىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن بولغانلىقىنى، 14 – دېكابىر ئۇنىڭ بىر تۈركۈم زەھەرلىك چېكىملىكنى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بىلەن ئۈرۈمچىگە توشۇپ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. زەھەر چەكلەش ساقچىلىرى تېزلىك بىلەن رازۋېدكا قىلىپ، زەھەرلىك چېكىملىك يوشۇرۇلغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنى تاپتى. شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى3– چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ياۋ شىن مۇنداق دېدى: ‹‹ چۈش ۋاقتى سائەت 12 لەر ئەتراپىدا، بىز نىشانلىغان ئاپتوبۇس ئۇلانباي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا پەيدا بولدى، ئاپتوبوس ئۈرۈمچى خۇمدانلىقتىكى ۋۇلوڭ مېھمانسارىيى ئەتراپىغا كەلگەندە جىنايەت گۇماندارى ئاپتوبۇستىن چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى دەرھال قولغا ئالدۇق. ئۇنىڭ يېنىدىن 1 كىلوگرام زەھەرلىك چېكىملىك چىقتى ›› .
سوتلاش ئارقىلىق، ساقچى تەرەپ بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارى جاڭ فامىلىلىكنىڭ پەقەت ۋاڭ فامىلىلىككە زەھەرلىك چېكىملىك توشۇپ بېرىدىغان چوماقچى ئىكەنلىكىنى، ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرى سىچۈەندىن ئۈرۈمچىگە زور مىقداردا زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ كېلىپ ساتقانلىقىنى بىلدى. 30 – دېكابىر ۋاڭ فامىلىلىك خوتۇنى خې فامىلىلىك بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندە، زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى 3 – چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ئۇلار تۇرۇشلۇق بېيدۇشىڭ ئولتۇراق رايونىدا ئۇلارنى قولغا ئالدى. بۇ دېلوغا چېتىشلىق جەمئىي 4 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان بولۇپ ، 10 كىلوگرامدىن ئارتۇق زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرۈلدى.

 

ئورۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282