busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 10782 قىتىم كۆرۈلدى
ئەيدىز ئاغرىقلىرىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر
ئەيدىز كېسىلىنىڭ كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولۇپ ، ئادەتتە شامالداپ قېلىش ، تارقىلىشچان زۇكام ، ماغدۇرسىزلىنىش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، قىزىش ، ئورۇقلاپ كېتىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، كېسەللىك ئەھۋالىمۇ ئېغىرلىشىدۇ . مەسىلەن ، تېرە يۇقۇملىنىش ، بەدەندە قاپارتما ، قانلىق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق . شۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا ئىچكى ئەزالىرىغا تەسىر قىلىپ ، 3 ~ 4 ئايغىچە قىزىيدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يۆتىلىدۇ ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ ، جىگەر بىلەن تال ئىششىيدۇ ھەمدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
كېسەللىك ئەھۋالى مۇرەككەپ ، ئۆزگىرىشچان بولغاچقا ، ھەرقانداق بىر ئاغرىقتا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈلمەيدۇ . ئۆپكە زىيانغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش ، كۆكرەك ئاغرىش ، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر؛ ئاشقازان ، ئۈچەي زىيانغا ئۇچرىغاندا ئاسانلا دائىملىق ئىچ سۈرۈش ، قورساق ئاغرىش ، ياداپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر ؛ قان تومۇرلار زىيانغا ئۇچرىغاندا يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى ، مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .

 

ئورۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282