busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 8040 قىتىم كۆرۈلدى
ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش تەتقىقاتىدا ئىلگىرىلەش بولدى
ئەنگىلىيەدىكى ئىمپېرىيە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېتى گېرپانوۋ يېقىندا مۇنداق دېدى : خىزمەتداشلىرىم بىرلىكتە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى فېرمېنتلارنى قايتا گۇرۇپپىلاش مودېلىنى تەتقىق قىلىپ پۈتتۈردۇق ، بۇ ئۇسۇل ساغلام گېن ئۇچۇرىنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىغا يەتكۈزۈش قورالىغا ئوخشايدىغان دورىلارنى تەتقىق قىلىشقا پايدىلىق ، بۇ خىل دورىلار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ گېنىدىكى فېرمېنتلارنى قايتا گۇرۇپپىلاپ ، ئۇنى ساغلام گېنلارغا ئايلاندۇرىدۇ . گەرچە ھازىر بار بىر قىسىم دورىلار ئەيدىز ۋىرۇسى گېنىنىڭ فېرمېنتلارنى قايتا گۇرۇپپىلاش ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ئەيدىز ئاغرىقىنى داۋالاشقا ياردەمبەرسىمۇ ، لېكىن كىشىلەر تا ھازىرغا قەدەر ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ گېندىكى فېرمېنتلارنىڭ قايتا گۇرۇپپىلىنىش قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى پىرىنسىپىنى زادىلا بىلەلمىگەن ئىدى .
پېتى يەنە مۇنداق دېدى : ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ گېندىكى فېرمېنتلارنىڭ گۇرۇپپىلىنىش قۇرۇلمىسىنى بىۋاستە ئۆلچەشكە زادىلا مۇمكىن بولمىغاچقا ، بىز نۇرغۇن تەتقىقاتچى دىققەت قىلمىغان ئىپتىدائىي ۋىرۇس كۆپۈكىدىكى گېننىڭ فېرمېنتلىرىنى گۇرۇپپىلاش قۇرۇلمىسى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى گېنىنىڭ فېرمېنتلارنى گۇرۇپپىلاش قۇرۇلمىسى ئارىسىدا يۈكسەك دەرىجىدە ئىقتىدار ئوخشاشلىقى بار . نەچچە ئون مىڭ قېتىم تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ، بىز بۇ خىل فېرمېنت گۇرۇپپىلاش قۇرۇلمىسىنىڭ ‹‹ مەخپىي شىفىر ›› ىنى يەشتۇق ، ئاخىرىدا نۇرىنىڭ ياردىمىدە ئىستېرېئولۇق قۇرۇلما مودېلىنى ياسىدۇق .
تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ھۆكۈمىدە مۇنداق دېيىلدى : ئەيدىز ۋىرۇسى گېنىنىڭ فېرمىنتلارنى گۇرۇپپىلاش قۇرۇلمىسىدا ئىلگىرى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئالامەت ئاساسەن يوق ئىكەن ، بۇ كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك دورىلارنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپ خاراكتېرلىك سەۋەبىنى تېپىشقا پايدىلىق ، ھەتتا ئەيدىز كېسىلىگە داۋا بولىدىغان ئۈنۈملۈك دورىلار بىلەن ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرىدىغان چارىلەرنى تەتقىق قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ .
ئورۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282