busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 17 دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4614 قىتىم كۆرۈلدى
بوۋاقلارغا ھەسەل بېرىشكە بولمايدۇ

ھەسەل بولسا ھەسەل ھەرىسى گۈل غۇنچىلىرىدىن يىغقان گۈل شىرنىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك . ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ، ‹‹كىشىلەرنىڭ ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتىدىغان ئەڭ ياخشى دورا›› ، ‹‹تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىنسانىيەتكە سۇنغان قىممەتلىك سوۋغىسى›› دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىراق تېببىي ئالىملار ۋە ئوزۇقلۇقشۇناسلار كىشىلەرنى بوۋاقلارغا ھەسەل بېرىشكە بولمايدۇ ، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. چۈنكى ، ھەسەل ئاسانلا بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن بۇلغىنىدۇ ، مۇبادا بۇ خىل باكتېرىيە ھەسەل ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلسە توكسىن قويۇپ بېرىدۇ . كىشىلەر بۇنداق ھەسەلنى ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا زەھەرلىنىدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا ، بۇنداق ھەسەلنى يېگەندە كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ . بىراق، بوۋاقلارنىڭ تېنى ئاجىز، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، بۇنداق ھەسەلنى يېگەندە ھەر ۋاقىت كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاقلاردىكى بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى بوۋاقلارنىڭ ھەسەل ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن .

بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282