busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 17 دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4461 قىتىم كۆرۈلدى
زۇكام دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بالىلارغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ
يېقىندىكى بىر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان كۆپ ساندىكى زۇكام دورىلىرىدا بالىلارغا ئېغىر ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان تەركىبلەر بولۇپ، ئېغىر بولغاندا بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقى بايقالغان، ھەم ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا زۇكام دورىسى بەرمەسلىك، ئالتە ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېھتىيات بىلەن دورا بېرىش، 12ياشتىن تۆۋەن بالىلار زۇكام بولغاندا، دورا چۈشەندۈرۈشىدىكى تەلەپ بويىچە رېتسېپسىز زۇكام دورىسىنى توغرا تاللاپ ئىستېمال قىلىش تەكلىپى بېرىلگەن.
يېقىندا ئەنگلىيە دورا ۋە داۋالاش مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە بازىرىدا سېتىلىۋاتقان 69 خىل بالىلار زۇكام، يۆتەل دورىسىنىڭ ‹‹ئۈنۈملۈك داۋالاش رولى يوق››لۇقى ھەم بۇ دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقى، كۆپ ساندىكى زۇكام دورىلىرىدىكى بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق پەردە قان تومۇرىنى تارايتىدىغان 15خىل تەركىبكە جىددىي قاراش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ ساختا ئېفېدرىن، ئېفېدرىن، نېئوفرىن، ئوكىس مېتازولىن؛ ھېستامىنغا قارشى دورىلار –– بېنادرىل، خلور فېنىرامىن، پرومېتازىن، ترىپرولىدىن، دوكسىلامىن؛ يۆتەل توختىتىدىغان دورىلاردىن دىكسترو مېتوتارپان، فونكودىن، گېيفنسېن، قۇسۇشنى توختىتىش دورىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن زۇكام دورىلىرىدا بۇ 15خىل تەركىبنىڭ بىرى ياكى بىر نەچچە خىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايقالغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ تەركىبلەر بالىلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282