بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 10 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4005 قىتىم كۆرۈلدى
بالىلار رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز يىيىشى كېرەك
ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان رەڭگارەڭ بالىلار يېمەكلىكلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە پىگمىنت قوشۇلغان.بالىلار ئەگەر بۇ خىلدىكى رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مەزگىل ئېستىمال قىلسا،تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ:
1.تەركىبىدە پىگمىنت كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.چۈنكى بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى خىمىيىلىك ماددىلارغا ئىنتايىن سەزگۈر،ئەگەر پىگمىنىت قاتارلىق خىمىيىلىك ماددىلار ئېشىپ كەتسە،بالىلار جىم ئولتۇرالمايدىغان،كەيپىياتى تۇراقسىز،ئۆزىنى كونتورول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ قالىدۇ.
2.بالىلار دائىم پىگىمىنىتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا،پىگىمىنىت تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
3.بالىلار بۇ خىل يېمەكلىكلەرگە كۆنۈۋالسا،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ،تاماق تاللايدىغان بولۇپ قالىدۇ،بۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز.
بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت