busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 10 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5238 قىتىم كۆرۈلدى
‹‹زىيادە پاكىزلىق››بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز
مەلۇم بولۇشىچە، پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدىغان ئەنگلىيىلىكلەردە ئانافىلاكسىيىلىك (زىيادە سەزگۈرلۈك)كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى كۆپەيگەن.بۇلتۇر ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ تازىلىق بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسى 610مىليون فوند ستېرلىڭغا يەتكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئانافىلاكسىيىلىك (زىيادە سەزگۈرلۈك) كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 6000 كىشى ھايۋانلارغا، يېمەكلىكلەرگە بولغان زىيادە سەزگۈرلۈك تۈپەيلىدىن داۋالىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغىنى بالىلار بولۇپ، ئۇلاردا ئانافىلاكسىيىلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەۋېتىپتۇ.
كلىنىكىلىق ستاتىستىكىدىن قارىغاندا، ئاللېرىگىيىلىك بۇرۇن يەللىكى، زىققا قاتارلىق ئانافىلاكسىيىلىك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە تەدرىجىي ئۆرلەۋېتىپتۇ.ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تازىلىققا زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشى بالىلاردا ئەتراپتىكى مۇھىتقا نىسبەتەن ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تاشقى مۇھىت بىلەن توختىماي ئۇچراشتۇرۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتكەندە، ئۇلار ۋىرۇس، مىكروبلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىمۇ ئاسان ئاغرىپ قالمايدىغان بولىدىكەن. شۇڭا بالىلارنى مۇۋاپىق ‹‹قويۇۋېتىپ بېقىش›› ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك ئىكەن.
بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282