busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 10 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4863 قىتىم كۆرۈلدى
بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى سېتىۋالغاندا ...
مەھسۇلاتنىڭ بەلگىسى ۋە ماركىسىغا ئاساسەن مەھسۇلاتنىڭ نامىنى تونۇشى ، ماتېرىيال جەدۋىلى ، ساپلىق تەركىبى ، زاۋۇت ئىسمى ۋە ئادرېسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، ئىسسىقلىق مىقدارى، ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى، ساقلاش مۇددىتى، مەھسۇلاتنىڭ ئىجازەت نومۇرى، ساقلاش ئۇسۇلى، ئىشلىتىش قەدەم باسقۇچلىرى ۋە ئىشلىتىش مىقدارى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ ماتېرىيال جەدۋىلىدە ھەر قانداق چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددىلار، شېكەر تەركىبى ۋە رەڭ ئېلېمېنتلىرى بار– يوقلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئايرىم قاچىلانغان ياكى قاچىلانمىغانلىقىغا دىققەت قىلىشى لازىم .چۈنكى ، ئايرىم قاچىلانغاندا ، مىقدارىغا ۋە بوۋاقلارنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال ئەھۋالىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى نەم تارتىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان ياش قاتلىمىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە مۇۋاپىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تاللاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېمەكلىك تەركىبىدىكى كۈچەيتىلگەن ئوزۇقلۇق مىقدارىنى چۈشىنىپ، كۈچەيتىلگەن ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش لازىم .چۈنكى ، كۈچەيتىلگەن ئوزۇقلۇق تەركىبى بوۋاقلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىپ ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىقىدۇ .
پاكىت ئاساسىنى سوراش ۋە ساقلاش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك . سۈت پاراشوكى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا، سودىگەردىن سېتىۋالغان نەرسىلەرنىڭ تالونىنى سوراپ ئېلىش ھەمدە ساقلاپ قويۇش مۇھىم.چۈنكى، ئەڭ ئىشەنچىلىك پاكىت بولمىسا ناۋادا مەھسۇلاتتىن چاتاق چىقىپ قالسا، تالون بولمىسا قانۇنىي پاكىت ئاساسى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىمىزنى قوغداشقا ئامال قىلالماي، لېۋىمىزنى چىشلەپ قالىدىغان ئىش بولىدۇ .
ئىستېمالچىلار مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش داۋامىدا ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنى بايقاپ قالسا، دەرھال سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىنكاس قىلىشى لازىم.ئەگەر ئىشلىتىش داۋامىدا سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلسە، دەرھال ئىشلىتىشتىن توختاش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىنكاس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئارقىلىق، ئايلىنىش باسقۇچىدىكى مەسىلە بار يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇشى زۆرۈر .
بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282