busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 10 دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5718 قىتىم كۆرۈلدى
بالىلارنى كومپيۇتېر بىلەن بەك بالدۇر ئۇچراشتۇرماسلىق كېرەك
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى بالدۇر يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ، بالىلارنى ئىككى ئۈچ ياشتىن باشلاپلا كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشتۇرىۋالىدۇ.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاتا-ئانىلار سەمىگە شۇنى سالىمىزكى :
1. ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغاندا،ئېلىكتېر ماگىنىت رادىئاكسىيىسى بالىلارنىڭ يېتىلىۋاتقان مېڭە توقۇلمىلىرىغا بىۋاستە زىيان يەتكۈزىدۇ.
2. ئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئىكرانىغا قاراۋەرسە كۆرۈش قۇۋۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
3.بالىلارنىڭ 3-4ياش مەزگىلى سانلارنى ئەستە تۇتۇش،تەپەككۈر قىلىش قابىليىتىنى يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىلى پەقەت كومپيۇتېرغىلا تايانغاندا بالىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىش،ھېسابلاش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
4.نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلار بالىلارنىڭ سوئالىنىڭ جاۋابىنى جەزىملەشتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.بالىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، تايىنىۋېلىش ئىستىكىنى قوزغاش بىلەن بىللە ئىجاتچانلىق ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ.
5.كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان بىلىم ۋە ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇشقا بولىدۇ،لېكىن بالدۇر بېرىلىپ كېتىپ،ئېلېكترونلۇق ئويۇنلاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشمۇ بىر ئاپەتكەئايلىنىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بالىلاردا ئەتراپتىكى مۇھىتقا كۆنەلمەيدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تۆۋەنلەپ كېتىدىغان غەيرىي مىجەزلەر شەكىللىنىپ قالىدۇ .
بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282