busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 40653 قىتىم كۆرۈلدى
سەل قاراشقا بولمايدىغان كېسەل ئالامەتلىرى
    باش قېيىش، ھارغىنلىق ھېس قىلىش يۈرەك زەئىپلەشكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. بىر قىسىم ياشانغانلاردا دائىم بېشى قېيىش، ھارغىنلىق ھېس قىلىش، يۈرەك ئەنسىز سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ يۈرەك زەئىپلەشكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر.يۈرەك زەئىپلەشكەندە قان تومۇرلارنىڭ قان يەتكۈزۈش مىقدارى تۆۋەنلەپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئېغىرلىشىدۇ.
باشنىڭ ئىككى تەرىپى چىڭقىلىپ ئاغرىسا قان بېسىمى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.باشنىڭ ئىككى تەرىپى ئاغرىش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق، ئاسان چارچاش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە قان بېسىمىدا مەسىلە بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش لازىم، بولۇپمۇ قاندىكى ياغ تەركىبىي يۇقىرى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى بارلار بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
تاماق يېگەندە كۆڭلى ئېلىشسا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. شۇڭا، 50 ياشتىن ئاشقانلار، ياخشىسى، يىلدا بىر قېتىم يۈرىكىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
تىلى ئۇيۇشۇش ئەھۋاللىرىكۆرۈلسە، يېنىك سەكتىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەتىگەندە تۇرغاندا، تىلى ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە يېنىك سەكتە بولغان – بولمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇبادا يېنىك سەكتە بولۇپ قالسا، ئېغىز ئۇيۇشۇپ راۋان سۆزلىيەلمەي بەدەننىڭ قىسمەن ئورۇنلىرى پالەچلىنىپ، قول – پۇتلىرى ماغدۇرسىزلىنىپ، تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، باش قېيىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.بۇنداق كېسەل ئالامىتى بىر قانچە مىنۇتتىن بىر قانچە سائەتكىچە داۋاملاشقاندىن كېيىن، يەنە نورمال ھالەتكە كېلىدۇ.
دەككە – دۈككە بولۇپ، دېمى سىقىلىش بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىدىن دېرەك بېرىدۇ. ياشانغانلاردا باش ئاغرىش، باش قېيىش، ھودۇقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە سالامەتلىكىدە ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىدە يۈرەك سانجىپ ئاغرىش، يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282