busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7050 قىتىم كۆرۈلدى
ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلى
ئېلىمىز ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %21؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %48؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %72 بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە:
بىرىنچى، يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.
ئىككىنچى، كۆزەينەكنىڭ گرادۇسى بارغانسېرى يۇقىرىلىماقتا. بالىلار يېقىننى كۆرۈش كۆزەينىكىنى تاقىغاندىن كېيىن، كۆزى ياخشى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى كۆزەينەك گرادۇسى ھەر يىلى 70 گرادۇستىن 100 گرادۇسقىچە يۇقىرىلاپ بارماقتا. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ %16ى ئاللىقاچان يۇقىرى گرادۇسلۇق يېقىننى كۆرەلمەسلىككە تەرەققىي قىلىپ بولغان.
يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى: %90 ياش، ئۆسمۈردىكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش يۈكىنىڭ ئېغىر بولۇشى، كىتاب كۆرگەندىكى ھالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى كۆز ئالمىسىنىڭ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىرپىكسىمان مۇسكۇل ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، كۆرۈش تەسۋىرىنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىگە توغرا چۈشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ تاشقى ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.
ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، كۆرۈش گۇرۇپپىسىدىكى مېتابولىزم (ماددا ئالماشتۇرۇش) نورمالسىزلىشىپ، كۆزدە پەيدا بولغان كېرەكسىز ماددىلار سىرتقا چىقىرىۋېتىلمەي، ئوزۇقلۇق ۋاقتىدا تولۇقلىنالمايدۇ – دە، كۆرۈش گۇرۇپپىسىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىچكى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ زىيىنى: ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەزى كەسىپلەرگە (مەسلەن: ئاۋىئاتسىيە، زىل بۇيۇملارنى ياساش سانائىتى قاتارلىقلار)غا ئىمتىھان بېرىشكە بولمايدۇ. يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىچىدە، كۆزىگە ئاق چۈشۈش، تراخوما قاتارلىق كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. يۇقىرى گرادۇسلۇق يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئاسانلا كۆزگە ئەينەكسىمان دۇغ چۈشۈش، كۆرۈش تور پەردىسىدىن قان چىقىش ۋە كۆرۈش تور پەردىسى چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېقىننى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن:
بىرىنچى، كۆرۈش، يېزىشتىكى قىياپەتكە دىققەت قىلىش، بىر سائەتتە بەش – ئون مىنۇتقىچە ئارام ئېلىش، يىراققا قاراپ بېرىش، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ بېرىش كېرەك.
ئىككىنچى، كۆزگە چۈشىدىغان نۇر بەك كۈچلۈك ياكى بەك ئاجىز بولماسلىقى كېرەك. ئادەتتە 40 ۋاتلىق يالتىراق لامپىلىق ئۈستەل چىرىغى ئىشلەتسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئۈچىنچى، يېتەرلىك ئۇخلاش، تەنتەربىيە ۋە دالا پائالىيەتلىرىگە كۆپ قاتنىشىپ بېرىش كېرەك.
تۆتىنچى، ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭدا ئاقسىل، ۋىتامىن قاتارلىقلارنى تولۇقلىغاندىن سىرت يەنە كالتسىي، سىنك، خروم قاتارلىق ئېلېمېنتلارنىمۇ تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. كالا سۈتى، بىلىق، راك قاسىرىقى، تۇخۇم سېرىقى، ھايۋان جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسىمۇ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق.
بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282