busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 41838 قىتىم كۆرۈلدى
ئاياللار قانداق قىلغاندا ئىشەنچىلىك گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالالايدۇ؟
    ئاياللارغا نىسبەتەن ئىشەنچىلىك گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاش بەكلا مۇھىم. ئۇنداقتا، ئاياللار قانداق قىلغاندا ئىشەنچىلىك گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالالايدۇ؟
   ئاياللار گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندا مەھسۇلات نامى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئىسمى ۋە زاۋۇت ئادرېسىنىڭ ئېنىق يېزىلغان- يېزىلمىغانلىقىغا، بەلگىلەنگەن قاپتىكى مەھسۇلاتنىڭ ئېغىرلىق مىقدارىنىڭ توغرا بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
   گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئىشلەپچىقرىلغان ۋاقتى، ساقلىنىش ۋاقتى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاكالەت نومۇرى، مەھسۇلات لاياقەتنامىسى، تەركىبى، ئۈنۈمى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئېنىق يېزىلغان- يېزىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
   بۇلاردىن باشقا يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت نومۇرى، تازىلىق ئۆلچەم نومۇرى ۋە مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدا قوللانغان دۆلەت ئۆلچەم نومۇرىنىڭ ئېنىق يېزىلغان-يېزىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش، ئەگەر ئىمپورت قىلىنغان گىرىم بۇيۇملىرى بولسا ئۇنىڭمۇ تازىلىق ئۆلچەم نومۇرى بولۇش بىلەن بىرگە، چۈشەندۈرۈلۈشى خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلدىمۇ- يوق؟ گىرىم بۇيۇمىنىڭ ساقلىنىش شارائىتى ئېنىقمۇ- يوق؟ دېگەنلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئىشەنچىلىك گىرىم بۇيۇمى سېتىۋېلىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 

شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282