busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 53292 قىتىم كۆرۈلدى
يۈز تېرىسىنىڭ قېرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى
     گۈزەللىككە، ساغلاملىققا ئىنتىلىش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش گۈزەل، ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشنىڭ كاپالىتى.
   خوشخۇي بولۇش: بۇ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان تېرە ئاسراش ئۇسۇلى. كەيپىيات ياخشى بولمىسا، ئادەم ئاسان قېرىيدۇ. كونىلاردا بىر ‹‹كۈلسەڭ ئون ياش ياشىرىسەن›› دەيدىغان گەپ بار. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار، تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشچە، ‹‹كۈلكە بىر خىل خىمىيىلىك غىدىقلاش رىئاكسىيىسى›› بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنى، بولۇپمۇ مېڭە ۋە ئىچكى ئاجرىتىش  سىستېمىسىنىڭ ھەركىتىنى قوزغىتىدىكەن. دائىم كۈلۈپ تۇرغاندا، ئىككى مەڭزى قىزىرىپ چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئادەم كۈلگەن ۋاقىتتا، چىراي مۇسكۇلى كېڭىيىپ، يۈز تېرىسىنىڭ مېتابولىزىمى تېزلىشىپ، قان ئايلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئېشىپ، ھۆسۈن تۈزەش رولىنى ئوينايدۇ.
   قېنىپ ئۇخلاش: ئاخشىمى ياخشى ئۇخلىسا، ئادەمنىڭ روھىي كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدۇ. ئادەم ئۇخلىغان ۋاقىتتا بەدەندىكى بارلىق ئەزالار ئۈزلۈكىدىن دەم ئالىدۇ ۋە تەرتىپكە سېلىنىدۇ، ھۈجەيرىلەر يېڭىلىنىپ، تېرە تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگىنغا ئېرىشىپ، مېتابوزلىزىمنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرىلىدۇ، ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولىشى ئۈچۈن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزنى پاكىز يۇيۇپ ئۇخلاش، ئۇخلىغاندا بىر تەرەپنى بەك ئۇزۇن ۋاقىت بېسىپ يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا يۈزدە ئاسان قورۇق پەيدا بولىدۇ.
   سۇنى كۆپ ئىچىش: تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە پارقىراق بولۇشى تېرىدىكى سۇ مىقتارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر تېرىدىكى سۇ بەك ئاز بولسا، تېرە قۇرغاق، يېرىك نۇرسىز بولۇپ كېتىدۇ ھەم ئاسان قورۇق چۈشىدۇ. تېرىنى يۇمشاق، سىلىق قىلىش ئۈچۈن، سۇ تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك، ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان قايناقسۇ ئىچىش مۇسكۇل ۋە تېرىلەرگە پايدىلىق.
   دائىم چاچ تاراش: چاچنى كۆپ تارىغاندا باشتىكى پەللىلەر ئۇۋۇلىنىپ، قان ئايلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ سالامەتلىككە ۋە ھۆسۈن تۈزەشكە پايدىلىق.
   كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش: تەرخەمەك، كاۋا، قىزىلچا، پەمىدۇر، سەۋزە قاتارلىق كۆكتاتلاردا كۆپ خىل ۋىتامىنلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، كۆكتاتلارنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ھۈسۈن يۈزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
   ئاپتاپقا بەك ئۇزۇن قاقلىنىشتىن ساقلىنىش: تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرلار تېرىنىڭ ئېلاستىك تالالىلىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بۇزىدىكەن. قاتتىق ئىسسىق بولغان كۈنلەردە، كۈن نۇرىغا زىيادە قاقلىنىشتىن قەتئىي ساقلىنىش  كېرەك. كۈن نۇرىغا زىيادە قاقلانسا، ئېلاستىك تالالار ئۈزۈلۈپ كېتىپ، تېرە يىرىكلىشىدۇ ھەم قورۇق پەيدا بولىدۇ، ئەگەر تېرە كۈن نۇرىدا كۈيۈپ كەتسە، سۇيۇلدۇرۇلغان لېمون شەربىتى بىلەن يۈزنى يۇيۇپ، پاكىز سۇ بىلەن چايقىسا تېرە ئاقىرىپ سىلىقلىشىدۇ.
   تېرىنى ئارام ئالدۇرۇش: كىشىلەر خىلمۇ خىل ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرىيدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى 10 مىنوت ئەتراپىدا پۈتۈن بەدەننى بوش قويۇۋېتىپ، ھېچنىمىنى ئويلىماي، پۇتنى باشتىن ئىگىز قىلىپ، ئوڭدىسىغا يېتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، يۈز تېرىسىنىڭ مېتابولىزىمى تېزلىشىپ، ھۆسۈن تۈزەش رولىنى ئوينايدۇ.
   ئەتىگىنى ياكى كەچلىكى يۈزگە سوغۇق سۇنى پۈركۈپ 20 مىنوت تۇرغۇزسا، سوغۇق سۇنىڭ تەسىرىدە يۈز تېرىسىدىكى قان تومۇرلار  قىسقىراپ، قان ئايلىنىش مىقتارىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، تېرىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
   ھەسەل ساقلىقنى ساقلايدىغان بىر خىل ئېسىل يېمەكلىك، ئۇ يەنە ھۆسۈن تۈزەش دورىسى. ھەسەلنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقتاردا گلۇكوزا، ۋىتامىن، مىكرو ئېلېمېنت ۋە فېرمېنتلار بولىدۇ. ھەسەلگە ئىككى، ئۈچ ھەسسە سۇ قوشۇپ، سۇيۇلدۇرۇپ يۈزگە سۈرتكەندە، تېرىنىڭ مېتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئولتۇرۇشقان پىگمېنتلارنى يوقىتىپ قورۇقلارنى ئازايتىپ، تېرىنى پارقىراق ۋە سىلىق قىلىدۇ.
يۈزلۈك ئىشلىتىش يۈز تېرىسىنى ئاسرايدىغان يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، يۈزلۈك ئىشلەتكەندە ئامال بار خىمىيىلىك تەركىبى بەك كۈچلۈك يۈزلۈكلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

 

شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282