busy

بۇ مەزمۇن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 22 دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3495 قىتىم كۆرۈلدى
دۇنيا ئەيدىز كۈنى
1 – دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى. بۇ يىلقى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ تېمىسى ‹‹<نۆل> ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا يېتىش يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار بولماسلىق، كەمسىتىلىش ۋە ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش››.ئېلىمىز ئەيدىز كۈنىنىڭ تېمىسى ‹‹ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەيدىزنى تۈگىتىشكە ئاتلىنىش ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش، پائال داۋالاش، كەمسىتمەسلىك››.
ئەيدىزنىڭ مېدىتسىنادىكى تولۇق نامى ‹‹ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك يىغىندى ئالامىتى›› بولۇپ، ئىنسانلاردىكى ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ۋىرۇس ئۆمۈر بويى يۇقىدۇ ھەم ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى قان، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت، زەھەر چېكىش ۋە ئانا بالىغا يۇقتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت خىل يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 يىلدىن 13 يىلغىچە بولىدۇ.
ئامېرىكىدا 1981 – يىلى ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان تۇنجى ئاغرىق بايقالغاندىن كېيىن، ئەيدىز دۇنيا مىقياسىدا تېز يامرىدى. كىشىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى تەدبىر قوللىنىپ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1988 – يىلى 1 – ئايدا ھەر يىلى 1 – دېكابىرنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، دۇنيادىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى شۇ كۈنى مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.
ئورۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282