busy

بۇ مەزمۇن 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 17 دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 2982 قىتىم كۆرۈلدى

 قاتما خاراكتىرلىك ئۇمۇرتقا ياللۇغى

تۇنۇش :

 قاتما خاراكتىرلىك ئۇمۇرىتقا ياللۇغى ئىچكى تاشقى سوغوقلۇقنىڭ تەسىر قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان، كىلىنكىدا بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىش كۇچىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان جاھىل خاراكتىرلىك كىسەللىك .

دىئاگىنۇز ئاساسى:

1)  بىماردا كورولگەن تىپىك كىلنىك ئالامەتلەرگە ئاساسەن : بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، ھەركىتى قىيىنلىشىش ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، پۇتۇن بەدەن سوغوق بولوش، زىيادە توڭوش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش .

2)      قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :

(1)     لابراتۇريەلىك تەكشۇرگەندە ASO مۇسبەت بۇلۇش، ESR يۇقىرى بۇلۇش .

(2)  رىنتىگىندا ياكى MRIسايىلاندۇرۇپ تەكشۇرگەندە ئۇمۇرتقا تۈۋرىگىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئەگىرلىكى يوقۇلۇش، ئۇمۇرتقا سۆڭىگىنىڭ قىرى بۇزۇلۇش، ئۇمۇرتقا تۈۋرىگىدە بامبۇكسىمان ھالەت شەكىللىنىش، ئۇمۇرتقا پەي – مۇسكۇللىرى ياللۇغلىنىپ ئىششىش، ئېغىرلىرىدا مۇسكۇل قىتىپ كالتىسىي لىشىش ئەھۋالى بۇلۇش قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قويولدى .

ئالامىتى :

بىماردا كىسەل باشلانغاندا بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، بەدەن سوغوق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بۇلۇپ ئۇمۇرتقىنىڭ ھەركىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ، تەدرىجى ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، ئۇمۇرتقا ھەركىتى قىيىنلىشىش، مۇسكۇللار قېتىش ئەھۋالى بۇلۇپ ئېغىرلاشقاندا ئۇمۇرتقا تۈۋرىكى غەيرىلىشىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش، مۇسكۇللار قېتىشىپ كالتىسىي لىشىش، بىمار ئوڭدىسىغا ياكى دۈم بۇلۇپ ياتالماسلىق ، بەدەن ئۇرۇقلاش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، يول يۈرۈش – ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەركىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .

دەرىجىگە بۆلۈنىشى :

1 . يىنىك دەرىجىدە : بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، بەدەن سوغوق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بۇلۇپ ئۇمۇرتقىنىڭ ھەركىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ،

2 . ئوتتۇرھال دەرىجىدە : بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، ئۇمۇرتقا ھەركىتى قىيىنلىشىش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش يەڭگىل دەرىجىدە قىيىنلىشىش، بەدەن سوغوق بۇلۇش، زىيادە توڭلاش ئەھۋالى بولىدۇ .

3 . ئېغىر دەرىجىدە : بۇيۇن، كۆكرەك، بەل ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، ئۇمۇرتقا تۈۋرىكى غەيرىلىشىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش، مۇسكۇللار قېتىشىپ كالتىسىي لىشىش، بىمار ئوڭدىسىغا ياكى دۈم بۇلۇپ ياتالماسلىق ، بەدەن ئۇرۇقلاش، نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش قىيىنلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، يول يۈرۈش ۋە ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەركىتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .

داۋالاش پىرىنسىپى :

 1 . روھى جەھەتتە كېسەلدىن ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، قائىدىلىك پەرۋىش خىزمىتى ۋە پەرھىزى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ .

2 . قايسى خىل غەيرى تەبىئى  خىلىتتىن كىلىپ چىققان بولسا شۇخىل غەيرى تەبىئى خىلىتنىڭ مۇنزىچ – مۇسھىلى قائىدىلىك بىرىلىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ .

3 . ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .

4  . قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى، ئۇمۇرتقا ئەتىراپ پەي مۇسكۇللىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .

5 . فىزىكىلق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

6 . رەئىس ئەزالار ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ .

داۋالاش ئۇسۇلى :

1 .  بەلغەم خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان بولسا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۈرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ ، بىر كۇندە ئۇچ قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 80 - 100 مىللىتىردىن 10-15 كۇنگىچە ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ  بىر كۇندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50 - 100 مىللىتىردىن  3 -  5  كۇنگىچە ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

2 . سەۋادا خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرشىدىن كىلىپ چىققان بولسا خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن، ئاقلەيلى ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ  كۇندە ئۇچ قىتىم، تاماقتىن كىيىن،  ھەرقىتىمدا 80 - 100 مىللىتىردىن 15-45 كۇنگىچە ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، بىر كۇندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50 - 100 مىللىتىردىن  3 -  5  كۇنگىچە ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

3 .  بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلتىنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرشىدىن كىلىپ چىققان بولسا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىسىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سۆرۈنجان، يەرلىك شوخلا، چۆبىچىن، ئاقلەيلى ئۇرۇقى، بوزىيدان قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ، كۇندە ئۇچ قىتىم ، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 80 - 100 مىللىتىردىن دىن 25 كۇنگىچە  ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ . ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كىيىن يۇقارقى مۇنزىچ دورىسىغا بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىسىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، بىر كۇندە ئىككى قىتىم، تاماقتىن كىيىن، ھەرقىتىمدا 50 - 100 مىللىتىردىن  3 -  5 كۇنگىچە ئىستىمال قىلدۇرۇپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

4 . ياللۇغ قايتۇرۇپ ، ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن - كاپسۇلى سۆرۈنجان  كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 3 – 5 دانىغىچە ، مەجۇنى سۆرۈنجان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 5 – 7 دانىغىچە ، قۇرسى يەھيا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 5 – 7 دانىغىچە ، ھەببى مەنتىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 5 – 7 دانىغىچە ، مەخسۇس مەجۇنى چۆبىچىن تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ، زىمادى سۈرۈنجاننى گۈل مېيى بىلەن مەلھەم قىلىپ ئۇمۇرتقا ساھاسىگە  سىرتىدىن تېڭىلىدۇ .

5 .  قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئۇمۇرتقا ئەتىراپ پەي مۇسكۇللىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن - خېمىرى گاۋزىبان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ، ھەر قېتىمدا 2 دانىدىن ، لوبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 5 دانىدىن ، داۋائى تەرەنجىبىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 10 -15 گىرامغىچە ، لوئوقى بادام كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 10 -15 گىرامغىچە ، مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەب شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كىيىن ، ھەر قېتىمدا 80 -  100 مىللىتىردىن ئىستىمال قلدۇرۇش بىلەن بىرگە مەخسۇس مۇرەككەپ قىروتى تەييارلاپ ، كۈندە بىر قېتىم ئۇمۇرتقا ساھاسى مايلىنىدۇ .

6 .  فىزىكىلىق داۋالاش : 15 كۇننى بىر داۋالاش كۇرسى قىلىپ توۋەندىكى ئۇسۇللار بويچە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۈچتىن  بەش كۇرۇسقىچە فىزىكىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلدى .

 نىرىپلارنىڭ ئوتكوزوشچانلىقى ئاشۇرۇش ۋە ئوتكونچى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، مۇسكۇللارنىڭ ھارارىتىنى ئاشۇرۇپ ئىلاستىكىلىغىنى ياخشىلاش، ئۇمۇرتقىنىڭ ھەركەت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن مەخسۇس تەييارلانغان مورەككەپ قىيرۇتى بىلەن مايلاش ، TDP دا ئسسىق ئوتكوزۇش ، مەخسۇس بەدەن چىنىقتۇرۇش ئۇسكىنىسىدە ھەركەتلەندۇرۇش، ئۇۋلاپ داۋالاش ، يىڭنە سانچىپ داۋالاش ، لوڭقا قۇيۇش ۋە لوڭقا سىرىپ داۋالاش، دورولوق ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ، ھوردىتىپ داۋالاش  ئىلىپ بىرىلدۇ .

7 . رەئىس ئەزالارنى ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ھەزىمقىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ‹‹ داۋائىل مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەرقېتىمدا 5-3 دانىغىچە ،  ئەبرىشىم جەۋھىرى  كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن ئىلگىرى،  ھەرقېتىمدا بىر بولاقتىن ، شىپائى قەلىپ كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن ئىلگىرى  ھەرقېتىمدا بىر ئامپۇلدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 5-7 دانىغىچە ، ھالۋائى بەيزە كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 10 - 7 گىرام غىچە ، مەجۇنى سۆلەپ كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا 5-7 دانىغىچە ، مائۇل ھەسەل مورەككەپ شەربىتى كۈندە ئۇچ قېتىم ، تاماقتىن كىيىن ھەرقېتىمدا ml 100دىن ›› قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ  .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

سوغوق ئۈتۈپكىتىشتىن ، زۇكام بۇلۇشتىن ، تەستە ھەزىم بولىدىغان ، ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى ، سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى كۆپ ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىشتىن ، زىيادە ھېرىپ چارچاشتىن ساقلىنىش كىرەك .

داۋالاش ئۈنۈمىگە ھوكوم قىلىش :

1)  ساقىيىش ئولچىمى : بالنىسقا كىرگەندىكى بارلىق كىسەللىك ئالامىتى تولوق يوقالغان ، ئۇمۇرتقا تۈۋرىكىنىڭ ھەركىتى تولوق ئەسلىگە كەلگەن بولسا .

2)  ياخشىلىنىش ئولچىمى : بالنىسقا كىرگەندىكى ئالامەتلىرىدىن ئۇمۇرتقا ساھاسى ئاغرىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش ئەھۋالى ياخشىلانغان بولسا .

3)     ساقايماسلىق ئولچىمى : بالنىسقا كىرگەندىكى بارلىق ئالامەتلەر داۋالانغاندىن كىيىنمۇ ئوخشاش تۇرغان بولسا .

 تەييارلىغۇچى : ئومرۇتقا كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282