busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 17 دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 6103 قىتىم كۆرۈلدى

يۈرەك قېپى ياللۇغى

ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك قېپى ياللۇغلىنىپ، يۈرەكنىڭ ئەزا قەۋەت بىلەن دىۋار قەۋەت پەردىلىرى ئارسىغا ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلار يىغىلىپ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك كىلىنىكىدا يۈرەك قېپى ياللۇغى ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغى ۋە سوزۇلما تاريىشلىق يۈرەك قېپى ياللۇغى دەل ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ

1) ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغى

تونۇش:

ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك قېپى ياللۇغلىنىپ يۈرەكنىڭ ئەزا قەۋەت ۋە دىۋار قەۋەت ئارسىغا سىرغىتما ماددىلار يىغىلىپ ياكى ئەزا قەۋەت ۋە دىۋار قەۋەت كەڭ كۆلەمدە چاپلىشىپ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك دىن ئىبارەت

سەۋەبى:

1-قاننىڭ ئۇپۇنەتلىنىشىدىن بولىدۇ

2-زەڭگاررەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىردىن

ئۆپكە سىلى كۆكرەك پەردە سىلىنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ

رىماتىزىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ

چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى تەسىردىن بولىدۇ

ھەر خىل راك كېسەللىكلىرى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ

ھەر خىل بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسەللىكلىرى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ

رادىئاكتىپ نۇرلار تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ

كېسەللىك ئۆزگىرىشى

كېسەللىك جەريانى ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ

قۇرۇق يۈرەك قېپى ياللۇغى: كېسەللىك ئۆزگىرىشنىڭ دەسلەپتىكى دەۋرىدە يۈرەك قېپى ئەزا قەۋەت ۋە دىۋار قەۋەتتە قان تولۇش ،سۇيۇقلۇق يىغىلىش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇدۇ

ھۆل يۈرەك قېپى ياللۇغى: كېسەللىك سەۋەبى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن  سىزىپ چىققان سۇيۇقلۇقنىڭ خارەكتىرى ئوخشىمايدۇ

سىروزلۇق سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىدۇ

قانلىق سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىدۇ

يىرىڭلىق سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىدۇ

ئالامىتى:

ئومۇمى بەدەنلىك ئالاماتلىرى: قىزىش، تەرلەش، چارچاش، تاماقتىن سەسكىنىش، تەشۋىشلىنىش، غەم ئەندىشە، جۆيلۈش قاتارلىقلار كۈرۈلىدۇ سىل خارەكتىرلىك بولسا چۈشتىن كېيىن قىزىيدۇ ،كېچىسى تەرلەيدۇ، ئىشتاھاسى تۇتۇلىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ  يىرىڭلىق بولسا قىزىيدۇ ،تۇڭۇپ تىتىرەيدۇ كۆپ تەرلەيدۇ ئاغرىش بولىدۇ ئاغرىش يۈرەك ئالدى رايۇنى ياكى تۆش سۈڭەك ئارقىسىدا بولىدۇ ئاغرىش خارەكتىرى سانچىلىپ ئاغرىش خارەكتىرنى ئالغان بولىدۇ ،نەپەس قىيىنلىشىدۇ بۇ يۈرەك قېپىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىشنىڭ گەۋدىلىك ئالامىتى بولۇپ نەپەس قىيىنلىشىپ ئولتۇرۇپ نەپەسلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ نەپەس يۈزە تېز بولىدۇ ،يۈرەك قېپىغا سۇ يىغىلىشنىڭ باشقا ئەزالەرنى باسقاندىكى ئالامەتلىرى كۈرۈلىدۇ ،بەدەن تەكشۈرگەندە يۈرەك قېپىنىڭ سۈرۈكۈلىش تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ يۈرەك ئۇچى سۇقۇشى يۇقۇلىدۇ يۈرەك تاۋۇشى يىراقلىشىپ ئاۋازى يىراقتىن ئاڭلىنىدۇ يۈرەك قېتىمى تېزلىشىدۇ يۈرەك بوغۇق تاۋۇشى ئىككى تەرەپكە كېڭىيدۇ ،ۋىنا بېسىمى يۇقۇرلاپ ئارتىريە بېسىمى تۈۋەنلەيدۇ بويۇن ۋىناسى كۈپۈدۇ جىگەر چوڭىيدۇ جىگەر ساھاسىنى باسقاندا ئاغرىيدۇ قۇرساققا سۇيىغىلىدۇ تۈۋەنكى مۈچىلەردە سۇلۇق ئىششىق كۈرۈلىدۇ

دىئاگىنۇز ئاساسى:

كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قۇيۇلىدۇ

كىلىنىكىدىكى تىپىك ئىپادىلىرى ۋە بەدەن بەلگۈلىرگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قۇيۇشقا بولىدۇ

رېنتىگىندە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرگە ئاساسە دىئاگىنۇز قۇيۇلىدۇ

ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغىدا يۈرەك قېپىغا يىغىلغان سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارى 250~300 مىللىدىن ئاشقاندا يۈرەك سايىسى ئىككى تەرەپكە كېڭىيىپ يۈرەك كولبا شەكىلىگە كىرىپ قالىدۇ

ئېلىكتىروكاردىئوگىراممىدىكى ئۆزگىرىشلىرىگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قۇيۇلىدۇ

يۈرەكنى ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش : چوڭ كىچىكلىگى ئوخشاش بولمىغان سۇيۇقلۇق تەكشىلىگى قايتۇرۇش دولقۇنى كۈرۈلىدۇ

سېلىشتۇرما دىئاگىنۇزى:

1- يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرۈپ دىئاگىنۇز قۇىمىز

2-ئوڭ يۈرەك قېلىنلاشتىن پەرىقلەندۈرۈلىدۇ

ئاقىۋىتى:

جىددى ۋاقىتتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ سوزۇلما تاريىش خارەكتىرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ

داۋالاش پىرىنىسىپى:

1- تىنىچ ئارام ئالدۇرۇپ ئوكسىگىن پۇرتۇلىدۇ ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىدى بىلەن دورا ئىشلىتىلىدۇ

2- خىلىت ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ

3-باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەلگە قارتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ

يۈرەكنى يەگىللىتىش مەقسىدى بىلەن يۈرەك قېپىغا پونكىتسىيە قىلىپ سۇيۇقلۇق تارتىلىدۇ

كېسەللىك ئەھۋاللى جىددى بولسا ئوپىراتسىيە قىلىنىدۇ

ياللۇغ قايتۇرۇش قىزىتما قايتۇرۇش مەقسىدى بىلەن دورا ئىشلىتىلىدۇ

داۋالاش ئۇسۇللىرى:

بىمارنى ھاۋاسى ساپ ئۆيىدە تىنىچ ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇلىدۇ ئەگەر نەپەس قىيىنلىشىش بولسا ئوكسىگىن پۇرتۇلىدۇ ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىدى بىلەن ھەببى ئەپىيۇن بىرىلىدۇ  خېمىر خەشخەشنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى ھەببى شىپا ،ھەببى بەزرۇلبەنجى، قاتارلىقلارنىڭمۇ ئۈنۈمى ياخشى

ئۇپۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىردىن بولغان بولسا قان تازلايدىغان دورىلار بېرىلىدۇ زەڭگارەڭ سەپرا خىلىتىڭ تەسىردىن بولغان بولسا زەڭگاررەڭ سەپرانىڭ مۇنزىچى بېرىلىدۇ ،يۈرەكنىڭ بېسىلىشىنى يەڭگىلتىش ئۈچۈن يۈرەك قېپىدىن سۇيۇقلۇق ئېلىنىدۇ كېسەللىك ئەھۋالى جىددى بولسا ئوپىراتسىيە قىلىنىدۇ ،ياللۇغ قايتۇرۇش قىزىتما قايتۇرۇش مەقسىدى بىلەن ئەرقى شوخلا، ئەرقى چۆبىچىن ،مەجۇنى ئۆشبە قاتارلىقلار بېرىلىدۇ

 

 

2- سوزۇلما تارىيىشلىق يۈرەك قېپى ياللۇغى

ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغىنىڭ ئۇزۇنغا سوزلۇشى ياكى باشقا ئامىللارنىڭ تەسىردە يۈرەكنىڭ ئەزا قەۋەت بىلەن دىۋار قەۋەت پەردىلىرى چاپلىشىپ تالالىق تۇقۇلمىلار ئۈسۈپ يۈرەك قېپى پەردە بوشلىغى تاريىپ كىلىنىكىدا نەپەس قىيىنلىشىش ،بويۇن ۋىناسى كۈپۈش، جىگر چوڭىيىش ،سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، يۈرەك كىچىكلەش، ئارتىريە بېسىمى تۈۋەنلەش ۋىنا بېسىمى يۇقۇرلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك

سەۋەبى:

1- ئۆتكۈر يۈرەك قېپى ياللۇغىنىڭ سەۋەبىدىن

2- ئۆپكە ۋە كۆكرەك پەردىسىدىكى سىل كېسەللىكلىرنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ

3- چوڭ بۆلەكلىك ئۆپە ياللۇغىنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ

كېسەللەك ئۆزگىرىشى:

يۈرەك قېپى ئەزا قەۋەت ۋە دىۋار قەۋتى چاپلىشىپ قېلىنلاپ كالتىسىيلىشىپ يۈرەك قېپى بوشلىغى پۈتۈپ قېلىپ، تالالىق تاتۇق تۇقۇلما ھاسىل بولغان پوستلاققا ئايلىنىدۇ بۇ پۈتۈن يۈرەكنى چىڭ ئورىۋېلىپ بېسىپ قېرىنچىنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەيدۇ بۇنىڭ بىلەن يۈرەككە قايتىدىغان قان مىقدارى ئازىيىپ ئارتىريەگە قان يىتىشمەي ۋىنالارغا قان قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ

ئالامىتى:

نەپەس قىيىنلىشىدۇ ،ئولتۇرۇپ نەپەسلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يۈتۈلۈش، ھالسىزلىنىش، زەئىپلىشىش، ئىشتاھا تۇتلۇش، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلىر كۈرۈلىدۇ يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى ئاجىزلايدۇ ياكى يۇقۇلىدۇ، يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ يۈرەك قېتىمى تېزلىشىدۇ يۈرەك بوغۇق تاۋۇش چىگرىسى كىچىكلەيدۇبەزىدە قىسقىرىش دەۋىرلىك يۈرەك ئالدى رايۇنىدا قوۋۇرغا بوشلىغى ئىچكى تەرەپكە ئولتۇرشۇش بولىدۇ

يۈرەك دالانچىسى تىتىرەيدۇ دالانچە بالدۇر سوقۇدۇ، بويۇن ۋىناسى كۈپۈدۇ، تال جىگەر چوڭىيدۇ ،قۇرساققا سۇ يىغىلىدۇ، تۈۋەنكى مۈچە سۇلۇق ئىشىيدۇ قىسمەن بىمارلاردا كۆكرەككە سۇيۇقلۇق يىغىلىش بولىدۇ

دىئاگىنۇز ئاساسى:

1- كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قۇيۇلىدۇ

2-كىلىنىكىدىكى تىپىك ئىپادىسى ۋە بەدە بەلگۈسىگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قۇيۇلىدۇ

3- رېنـىگىندە تەكشۈرۈش:يۈرەك كىچىك ۋە تىنىچ بولۇپ يۈرەكنىڭ سوقۇشى ئاجىز بولىدۇ يۈرەك سەل يۇغۇنايدۇ ئۈستۈنكى كاۋاك ۋىنا سايىسى كېڭىيدۇ ئۆپكە دەرۋازا سايىسى چوڭىيىپ ئۆپكە قانتومۇرلىرى توملىشىدۇ

4-ئېلىكتىروكاردىئوگىراممىدا تەكشۈرۈش:Tدولقۇن تەكشى، تەتۈر چۈشۈدۇ Pدولقۇن قوش چۇقۇلۇق بولۇش بىلەن ئىككى قاپقاق كىلاپان تىپىدىكى Pدولقۇن كۈرۈلىدۇ

5-يۈرەكنى بىچاۋدا تەكشۈرۈش: ۋىنا بېسىمىنى ئۆلچەش: جەينەك ۋىناسىنى ئۆلچىگەندە 250مىللىلىتىر سىماپ تۈۋرىگىدىن يۇقۇرى بولۇپ بەزىدە 400مىللىلىتىر سىماپ تۈۋرىگىگە يىتىدۇ

لابراتويىلىك تەكشۈرۈش : قىزىلقان ھۈجەيرىسنىڭ سانى يىنىك دەرجىدە تۈۋەنلەيدۇ نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282