busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 18 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7276 قىتىم كۆرۈلدى

تەڭگىسىمان تەمرەتكىنىڭ پەرۋىش تەدبىرلىرى

1) روھى جەھەتتىكى پەرۋىش:بىمارلار ئۆزىدە ئلمى قاراشنى تىكلەپ،پىسخىكىلىق بېسىمنى تۈگۈتۈپ،كۆڭلىنى ئازادە ساقلاپ،ھاياجانلىنىش ۋە جىددىيلىشىشدىن ساقلىنىپ ئۆزىدىكى قورقۇنۇچنى يۇقۇتۇپ دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش.

2) ئۇزۇقلۇق جەھەتتىكى پەرۋىش:ئاسان سىڭىدىغان سۇيۇق ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ساپ قان پەيدا قىلىدىغان يىمەكلىكلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىش، كالا گۆشى، ئۆچكە گۆشى، تۇخۇم ھەرخىل ئېچىتىلغان سەيلەر، پىياز، لەڭپۇڭ، لازىلىق يىمەكلىكلەر تەركىۋىدە ئسپىرىت بولغان ئچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش .

3) تۇرمۇش جەھەتتىكى پەرۋىش: نۇرمالنى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش،مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش، شەخسى تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، پاختا رەخىتتىن تىكىلگەن ئچ كىيىملەرنى كىيىش، بىمارلار مايلانغاندا زۇكام بۇلۇش ۋە بادامسىمان بەز ياللۇغى بۇلۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

4) دورا جەھەتتىكى پەرۋىش:بىمارلارغا قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە بىرىلگەن دۇرىلارنى مىقدارى، ئىچىش ئۇسۇلى بويىچە ئىستىمال قىلىشقا، مۇنزىچ مۇسھىلنى ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارغا ھەمدە شەربەت ئىچكەندە ئاشقازان ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسسىتىپ ئىچىشكە يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ. ھەمدە سىرتىدىن مايلانغاندا كېسەلخانىنىڭ تىمپىراتۇرسى مۇۋاپىق بولۇش، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلنىشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ .

تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومىدىن باھارگۇل

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282