busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 23 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3248 قىتىم كۆرۈلدى

ئولتىرغۇچ نىرۋا ئاغرىقى (ئىرقۇننىسا)

 ئالامىتى:

ساغرا ۋە پۇتنىڭ ئارقا تەرپى تۇراقلىق ھالدا ئاغرىش،بەزىدە تىز كەينى ئويمىنى، پاقالچاقنىڭ ئارقىسى ۋە تاپانغا قەدەر يىتىپ بارىدو. بەزىلەر بولسا باشقا كىسەللىكلەرنىڭ شىرىكچىلىكىدە ئۇلارنىڭ ئالامىتى سۇپىتىدەياكى باشقا  كىسەللىكلەر  ئولتىرغۇچ  نىرۋىغا  زىيان  يەتكۇزگەنلىكتىن  يۇز بىرىدو  دەپ  ھىساپلايدو . مۇنداق  كىسەللىكلەر  ئاساسلىقى  سوڭەك  ۋە  بوغوم كىسەللىكلىردىن ئىبارەت بولىدو.مەسلەن:توققوز كوز-يانپاش بوغوم كىسەللىكلىرى،ئومورىتقا بوغوملىرىغا كومورچەك ئوسوش كىسەللىكى،ئومورىتقىلار ئارىسدا كومورچەك ئوسوپ قىلىش، ئومورىتقا ئوسمىلىرى، ئومورىتقا سىلى قاتارلىقلار؛ يەنە يۇلۇن ئوسمىسى،داس بوشلىغى ئىچىدىكى كىسەللىكلەر—بالاياتقۇ ئوسمىسى، مەزى بىزى كىسەللىكلىرى، ھامىلە بىسىپ قويۇش، قەۋزىيەت ۋە باشقىلار.

ئىرقىننىسانىڭ سەۋەپلىرىدىن يەنە ئولتىرغۇچ نىرۋىغا قاتتىق سوغوق ئوتوپ كىتىش، ئۇرۇلۇش، سوقولوش، بىسىمغا ئۇچراش،ۋەجىئۇلمۇفاسىل ئاسارەت قالدۇرۇش؛ ئاغرىش-تۇتۇق ئاغرىش، سانچىلىپ ئاغرىش، كويوپ ئاغرىش ياكى ئىسىلىپ ئاغرىش قۇسۇسىيەتلىرىدە بولىدو. ماڭغاندا،يوتەلگەندە ۋە چۇش كورگەندە ياكى بەلنى .ئەگگەندە ئاغرىق كۇچىيىپ كىتىش مومكىن. تەكشۇرگەندە ئولتىرغۇچ نىرۋا ئورونلاشقان جاينى بويلاپ بىسىپ بىقىلسا ئاغرىيدو ھەتتا مەزكۇر نىرۋا تارقالغان مۇسكۇللارنى بىسىپ بىقىلسا شۇ جايلارنىڭ گوشلىرىمو ئاغرىيدو،بولوپمو پاقالچاق بۇلجۇڭ گوشلىرى ئاغرىپ كىتىدو.

پاقالچاقنى تۇزلەپ ئاندىن بىمارنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ يۇقۇرغا كوتوروپ پەيدىن پەي تۇزلەنسە قاتتىق ئاغرىق ھاسىل بولىدو.بۇ ئىرقىننىسانىڭ ئالاھىدىكىدور. ھەركەتلەندۇرگەندە ئاغرىيدو،لىكىن سىزىمنىڭ توسقونلوققا ئۇچىرشى ئاز ئۇچرايدو.

داۋالاش :

1- قان سەپرانىڭ ئوتكورلىكىدىن بولغان بولسا ئالدى بىلەن قان سەپرانىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ئۇچۇن دورىلار بىرىلىدو.

 پىششىق دورىلاردىن؛

 كاپسولى سورونجان، ھەببى سورونجان، ھەببى مەنتىن، ئەرقى شوخلا، ئەرقى چوبىچىن، ئەرقى گۇل مەجۇنى چوبىچىن،مەجۇنى بايادەيدوس ئەينالو،تەمرىھىندى شەربەتلىرى. ھەزىم خىزمىتنى ياخشىلاش ئۇچۇن ئامىيلە نۇشدارى، جاۋارىش ئامىيلە قاتارلىقلار ئاھۋالغا قاراپ تاللاپ بىرىلىدو.

2- بەلغەم بىلەن سەۋدانىڭ غەيرى تەبى ئوزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان بولسا دەسلىۋىدە كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش ئۇچۇن بەلغىمى سەۋدانىڭ مۇنزىچ بىرىلدو ھەمدەياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش مەخسىتىدە ئەرقى شوخلا،ئەرقى چوبىچىن كۇندە 3قىتىم ھەرقىتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرۇلدو،  بۇنىڭغاقوشوپ ھەببى سورونجان كۇندە 2 قىتىم ھەر قىتىمدا 7 دانىدىن ھەزىم خېزمىتىنى ياخشىلاش ئۇچۇن ئامىلە نۇشدارى كۇندە 2 قىتىم ھەر قىتىمدا 7 دانىدىن  بىرىلدو  ئاندىن كىيىن مۇسھىل بىرىلدو. ھەمدە مەخسۇس سۇپۇپى سۇرۇنجان تەييارلاپ بىرىلدو.

ئىككىنجى باسقۇچتا : غەيرى تەبى خىلىتلارنى سۇرۇپ چىقىرىش مەخسىتىدە ھەببى مەنتىن، مەجۇنى بايادەيدوس كۇندە 2قىتىم ھەرقىتىمدا10دانىدىن بىرىلدو

ئۇچۇنچى باسقۇچتا :ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش   تازلاش مەخسىتىدە مائۇل ئۇسۇل مورەككەپ كۇندە 3قىتىم ھەر قىتىمدا 50 مىللىلىتىردىن 10 كۇن بىرىلدو، ماتىدىل ھايات، لوبوبى كەبىر كۇندە 2قىتىم ھەر قىتىمدا 10 گىرامدىن داۋائىل مىشكى كۇندە 1قىتىم 6 گىرامدىن،  داۋائى تەرەنجىۋىل كۇندە 2  قىتىم   ھەر قىتىمدا  10گىرامدىن بىرىلدو.

مەيلى قايسى خىل خىلىتتىن كىلىپ چىققان بولىسۇن بەل ئومورىتقا سوڭەك سوڭەك ئوسوش كىسەللىكدە سوزلەنگەن ئىسىپ ئۇۋلاش قائىدىسى  بويچە ئۇۋلاپ ،يىڭنە سانچىش ،لوڭقا سىرىش  قاتارلىق فىزىكىلىق ئۇسۇللار بويچە بىر لەشتۇرلۇپ  داۋالاش ئىلىپ بىرىلسا تەسىرى ئىنتايىن ياخشى بولىدو.

ئاندىن كىيىن توۋەندىكى  پەللىلەرگە يىڭنە سانجىپ  15 مىنۇت تۇرغۇزۇپ  ھەر بەش مىنۇتتا بىرقىتىم غىدىقلاش ئىلىپ بىرىلدو.

دەسلىۋىدە مۇناسىۋەتلىك پەللىلەرگە يىڭنە سانجىش ئىلىپ بىرىلدو.

مۇشۇخىل ئۇسۇل بويچە 10  كۇن بىر كۇرۇس قىلىنىپ بىرنەچچە كۇرۇس داۋالاش ئىلىپ بىرىلدو

تەييارلىغۇچى : سوڭەك - بوغۇم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282