busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 23 دىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 6588 قىتىم كۆرۈلدى

يانپاش بوغوم ياللۇغى
1.      تونۇش :
يانپاش بوغوم ياللۇغى خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگۈرۈشى، يانپاش بۇغۇمىنىڭ ئۇرۇلۇش، سۇقۇلۇش، بېسىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن يانپاش قىسىم ئاغىرىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىك.
كىسەللىك سەۋەبىگە قارتا ئۇيغۇر تىبابىتى خىلىتىلارنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشى بولوپمۇ غەيرى تەبىي بەلغەم ، سەۋداۋە سەپرا خىلىتىنىڭ يەككە ياكى مورەككەپ ئوزگىرىشى تەسىرىدىن بۇ كىسەللىكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ .
بۇ خىل كىسەللىك ئاساسەن ياشانغانلاردا، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا، مىزاج جەھەتتىن ھۆل–سۇغۇق مىزاجدىكى كىشىلەردە، ئاساسەن نەم، سۇغۇق مۇھىيىتتا كۆپ تۇرغان، ياشىغان ، زەخمىلىنىش تارىخى بار ، ھول – سوغوق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرگە ئامراق ھەمدە يىمەك – ئىچمەك جەھەتتە تەرتىپسىز غىزالىنىش ئادىتى بار ۋە تۇغما ئىممۇنىت كۇچى توۋەن ياكى ئومومى بەدەن خىزمىتى ياخشى بولمىغان ، ئىغىر جىسمانى ھەركەتلەرنى كوپ قىلغان ، سىل كىسەللىك تارىخى بار كىشىلەردە كۆپ يۈز بىرىدۇ.
2.     ئۇيغۇرتىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:
1)       كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن : نەم، سۇغۇق مۇھىيىتتا كۆپ تۇرغان، ياشىغان ، زەخمىلىنىش تارىخى بار ، ھول – سوغوق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرگە ئامراق ھەمدە يىمەك – ئىچمەك جەھەتتە تەرتىپسىز غىزالىنىش ئادىتى بار ۋە تۇغما ئىممۇنىت كۇچى توۋەن ياكى ئومومى بەدەن خىزمىتى ياخشى بولمىغان ، ئىغىر جىسمانى ھەركەتلەرنى كوپ قىلغان ، سىل كىسەللىك تارىخى بار كىشىلەردە كۆپ يۈز بىرىدۇ.
2)      تىپىك كىسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن: كىسەللەنگەن يانپاش بوغوم  ئاغرىش، قىززىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، ھەركەت چەكلىمىگە ئۇچراش بولىدۇ ، ئومومى بەدەن ئالامىتى ئادەتتە كورونەرلىك بولمايدۇ ، قوزغاتقۇچى ئامىللار يەنىي ، يەللىك غىزالار ، سوغوق ئوتكوزۋىلىش ، كۇچەپ ھەركەت قىلىش ، زۇكامداش ۋە باشقا قوزغاتقۇسى ئامىللار تەسىر قىلغاندا تىپىك كىلنىك ئالامەتلىرى كورونەرلىك ئىغىرلاشقاندىن سىرىت ئومومى بەدەن ئالامەتلرىىدىن قىززىش ، يۇرەك ھەركىتى تىزلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، ھاسىراش ، ئىشتىھاسى ئازىيىش ، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ قوشولوپ كىلىدۇ .
3)       قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :  WBC , C-RP, ASO ESR , دا كورونەرلىك ياكى يەڭگىل دەرىجىدە ئوزگىرىش بولوش ۋە ياكى بولماسلىق ئەھۋالىغا ھەمدە سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرش رەسىم ئىپادىسىدىن بوغوم ئارلىقى تارىيىش ، بوغومغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش ياكى نورمال بولوش ئەھۋالىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قويولىدۇ .
3.    كىلىنكىلىق دەرىجىگە ئايرىش
1 – دەرىجە : يانپاش بوغوم يەڭگىل دەرىجىدە ئاغرىش ، ASO ، WBC, C-RP , ESR سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نورمال چىقىش .
2 – دەرىجە : يانپاش بوغوم ئاغرىش ، قىززىش ، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىق WBC, C-RP , ESR نورمال قىممەتتىن سەل يۇقۇرلاش ياكى نورمال بولوش ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نورمال چىقىش .
3 – دەرىجە : چوڭ بوغوملار ئاغرىش ، ئىششىش ، قىززىش ، ھەركىتى يەڭگىل توسقۇنلۇققا ئۇچراش ، WBC, C-RP , ESR نورمال قىممەتتىن يۇقۇرلاش ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇشتە بوغوم ئارلىقى تارىيىش ، قىر شەكىللىنىش .
4 – دەرىجە : چوڭ بوغوملار ئېغىر دەرىجىدە ئاغرىش ، ھەركەتلەندۇرگەندە كۆرىنەرلىك سۇڭەك سۇركىلىش ئاۋازى(سېزىمى) بولۇش، غەيرىلىك شەكىللىنىش،. ئىششىش ، قىززىش ، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش WBC, C-RP , ESR نورمال قىممەتتىن يۇقۇرلاش ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇشتە ئېغىر دەرىجىدىكى سۇڭەك ئۈسۈكچىسى پەيدا بولۇش، بوغۇم ئارلىقى تارىيىش تېخىمۇ ئېىنىق بولۇش، كۆمۇرچەك ئاستىدىكى سۆڭەك قاتتىقلىشىش ئىنتايىن روشەن بولۇش .
4.    خاراكتىرىگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىش
كىسەللىك  خاراكتىرىگە ئاساسەن ئوتكور ۋە سوزولما دەپ ئىككىگە بولىنىدۇ .
ئوتكۇر يانپاش بوغۈم ياللۇغى : غەيرى تەبىي قان ۋە سەپرا خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىقىدۇ.
سوزولما يانپاش بوغۈم ياللۇغى : غەيرى تەبىي بەلغەم ، سەۋدا خىلىتى تەسردىن كىلىپ چىقىدۇ .
5.    دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش :
1)     قان خىلىتىنىڭ ئوفىنەتلىنىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
2)    موزا تەملىك خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
3)     گەجسىمان بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
4)    غەيرى تەبىئى سەۋدا خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
5)     زەخمىلىنىش تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
6)    سىل جاراسىمى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
6.    داۋالاش پىرىنسىپى :
ئوتكور يانپاش بوغوم ياللۇغىنىڭ داۋالاش پىرىنسىپى :
(1) مىزاجنى تەڭشەش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، قىززىتما پەسەيتىش ، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(2) ماس كەلگەن فىزىكىلىق داۋالاشلار تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
(3) ھەزىمنى كۇچەيتىش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(4) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .
سوزولما يانپاش بوغوم ياللۇغىنىڭ داۋالاش پىرىنىسپى:
(1) مىزاجنى تەڭشەش ، كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش- تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە مۇنزىچ- مۇسھىلى بىرىلىدۇ.
(2)بۇغۇمدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى - سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگە ئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(3) سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .
1- قان خىلىتىنىڭ ئوفىنەتلىنىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
1) دىئالىكتىك ئانالىزى :
قان خېلىتىنىڭ ئۇفىنەتلىنىشى ئاساسلىقى قان خېلىتىغا كىسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو-جاراسىملارنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان ئۆتكۈر غىدىقلاش، ئۇفىنەتلەندۈرۈش تەسىرىگە ئىگە غەيرى تەبىئى خىلىت بۇلۇپ، بۇغەيرى تەبىئى قان خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق بۇغۇم بوشلۇقىغا تەسىر قىلىپ، بۇغۇمنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردىلىرى ۋە ئەتراپ تۇقۇلمىلارنى ئۈزنىڭ زىيادە غىدىقلاش، ئۈفىنەتلەندۈرۈش تەسىرى بىلەن غىدىقلاپ ياللۇغ پەيدا قىلىپ بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2) ئالامىتى:
تومۇرى توم، تىز، يۈزە سالىدۇ. كوز ئىقى قىزغۇچ، تىل ئۈستىدە قىزغۇچ گەز بۇلىدۇ، تىرىسى قولغا قىززىق بىلىنىدۇ، كىچىك تەرىتى سېرىققا مائىل بۇلۇپ بىمارغا قىزىق بىلىنىدۇ، بۇغۇملار قىززىپ، لۇقۇلداپ، چىڭقىلىپ ئاغىرىيدۇ، ئىششىيدۇ، يەرلىك ئۇرۇن بۇغۇملىرىنى تۇتقۇندا قولغا قىززىق بىلىنىدۇ، ئۇمۇمى بەدەنلىك ئالامەتلەردىن تۇڭۇپ تىتىرەيدۇ، ئارقىدىن قىززىيدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق كۆپ بۇلىدۇ، سۇغۇق نەرسىلەردىن راھەتلىك ھىس قىلىدۇ، ئىسسىق نەرسىلەردىن بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ.
3) داۋالاش ئۇسۇلى:

قاننىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ، قىززىتما چۇشۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەخستىدە شەربەت تەرييارلاپ بىرىلىدۇ .
ماددىلارنى تارقىتىش مەخسەتتە توۋەنكى شەربەت تەييارلاپ بىرىلىدۇ ياكى مەخسۇس مەتبۇخ ھەلىيلە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
توسالغۇلارنى ئىچىش ، ئوتكورلوكنى پەسەيتىش مەخسەتتە مەخسۇس مائۇل ئۇسۇل بارىد تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋلاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
قاننىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ، قىززىتما چۇشۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەخستىدە ياللۇغ قايتۇرۇش زىمادى يەرلىك ئورونغا تىڭىلىدۇ ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان بارىد ۋە  ياللۇغ قايتۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ، ياخشىلاش ۋە يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەخسەتتە: توۋەندىكى پىششىق دورىلار بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ 15-25 كۇن تاللاپ بىرلىدۇ. 
ئەرقى كاسىنە ، ئەرقى چۆبىچىن،ئەرقى سەندەل،ئەرقى شوخلا ،ئۆشبە شەربىتى،قۇرسى ئىتتىرفل چوبىچىن، قۇسى بىنەپشە، قۇرسى ئۆشبە،مۇنزىچ دانچىسى ،كاشكاپ دانچىسى، قۇرسى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا، قۇرسى كۇرسىنگى ، قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن،قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن ،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت،ئەبرىشىم دانچىسى.
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاشنى مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
قۇرسى سۆرۈنجان، قۇرسى يەھيا ، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن،قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى شوخلا،ئەرقى چوبىچىن.
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى ، قۇرسى جاۋرىش ئامىلە ،قۇرسى ئامىلە نۇشدارى، نارپىننە ئىچىملىكى.
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: توۋەندىكى شەربەتلەر مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مورەككەپ شەربىتى تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە:  تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى،قۇرسى داۋائىل مىشكى،قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس،ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، قۇرسى نۇجاھ .
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يەللىك يىمەكلىكلەردىن كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا ، لازا- ئاچچىقسۇ....
ھەرخىل سۇغۇق ئىچىملىكلەر ، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ۋاقتى ئۈتۈپ كەتكەن يىمەك - ئىچمەكتىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەردىن باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتاتلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
زىيادە ھېرىپ - چارچاشىتىن، ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن ، زۇكامداشىتىن ، زەخمىلنىشتىن ، زەخمىلەنگەن ئۇرۇننىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كىرەك .
2- موزا تەملىك خېلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
1) دىئالىكتىك ئانالىزى :
ئەسلى مىزاجى بەلغەم بولغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت قۇرۇق سوغوق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى زىيادە كوپ ئسىتىمال قىلىش ، سوغوق ئوتكوزۋىلىش قاتارلىقلار تەسىرىدىن بۇخىل غەيرى تەبىي خىلىت پەيدا بولوشقا سەۋەپ بولىدۇ .
موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى، بەلغەم خىلىتىغا قۇيۇق سەۋدا خىلىتىنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ بىر تۈرى، تەبىئەت جەھەتتىىن قۇرۇق سۇغۇق بۇلۇپ بۇزۇق ماددىلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۈشنى تىزلىتىش، يېپىشقاقلىقىقنى ئاشۇرۇش، ماددا ئالمىشىنى نىسپەتەن ئاستىلىتىش تەسىرىگە ئىگە، بۇ موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى ئۈزىنىڭ قۇرۇق سۇغۇقلۇق تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىپ، ماددا ئالمىششنى سۇسلاشتۇرىدۇ، نەتىجىدە يانپاش بوغومىغا تەسىر قىلىپ بۇغۇملارنىڭ ماددا ئالمىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ، بۇغۇم سۇيۇقلۇقىنىڭ ۋاقتىدا يىڭىلىنىپ تۇرۇشىغا تەسىر قىلىپ، بۇغۇم سۇيۇقلۇقىنى قۇيالدۇرىدۇ، بۇ قۇيالغان بۇغۇم سۇيۇقلۇقى كۆپلەپ يىغىلىپ بۇغۇم بىرىكتۈرگۈچى پەردىلەرنى غىدىقلاپ، ياللۇغلاندۇرۇپ يەرلىك ئوروندا بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
2) ئالامىتى:
 تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا، چوڭقۇر سالىدۇ. كوز ئىقى كۈكۈش، تىل ئۈستىدە كۈكۈش ئاق گەز بۇلىدۇ، تىرىسى قولغا سۇغۇق بىلىنىدۇ، كىچىك تەرىتى ئاققا مائىل كىلىدۇ. بۇغۇملار تۇڭۇپ، تېلىپ ئاغىرىيدۇ، يەرلىك ئۇرۇن بۇغۇملىرىنى تۇتقۇندا قولغا سۇغۇق بىلىنىدۇ، پۇت- قولار ئېغىر بۇلۇپ، ئەتتىگەنلىكى ئېغىر بۇلىدۇ، ئاسان قۇلىشىدۇ، ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەكلىكتىن ، ئىسسىق نەرسىلەردىن راھەتلىك ھىس قىلىدۇ.
3)    داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى10-15 كۇن بىرىلىدۇ.
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى4-6 كۇن بىرىلىدۇ .
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋلاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە : مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
قۇرسى سۆرۈنجان ،قۇرسى يەھيا،قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر، ئەرقى بەدىيان ، ئەرقى شوخلا،ئەرقى چوبىچىن ، ھەببى ماتىدىل ھايات،قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر،قۇرسى كۇرسىنگى، قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن ، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت،ئەبرىشىم دانچىسى.
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
نارپىننە ئىچىملىكى،قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ،قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى ، قۇرسى جاۋرىش جالىنۇس،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى .
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
مىڭىگە ھوللوك يەتكۇزۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش مەخسەتتە : ئۇيقۇ تالقىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، ئارتۇقچە ھوللوكنى ھەيدەش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل ساددە مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى ، قۇرسى داۋائىل مىشكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى ،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى،سۇنبۇل شەربىتى، قۇرسى ئىتترفىل ئۇستىخۇددۇس ،ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى،قۇرسى نۇجاھ
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى ئەفئى كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتالىقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن، زىيادە ھېرىپ- چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن، زۇكامداپ قېلشىتىن، زىيادە قۇرۇق سۇغۇق مۇھىيتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ياشاش مۇھىيىتى ۋە خىزمەت مۇھىيىتىنى تەڭشەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىشقا دىققەت قىلىش.
3- گەجسىمان بەلغەم خېلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بوغوم ياللۇغى
1)    دىئالىكتىك ئانالىزى:
ئەسلى مىزاجى بەلغەم بولغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت ئوتكور قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى زىيادە كۆپ ئسىتىمال قىلىش ، ئاپتاپتا قىلىش ، قۇسۇش ، ئىچى سۇرۇش ، كوپ تەرلەش سەۋەبىدىن كوپ سۇ يۇقۇتۇش قاتارلىقلار تەسىرىدىن بۇخىل غەيرى تەبىي خىلىت پەيدا بولوشقا سەۋەپ بولىدۇ .
گەجسىمان بەلغەم خىلىتى ، بەلغەم خىلىتىنىڭ يوقىرى ھاراەت تەسىرىدە، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى سۇيۇق ھالىتىدىن غەيرى تەبىئىي ھالەتكە ئۆزگىرىپ، قۇيۇلۇپ، گەجگە ئوخشاش ھالەتكە كىلىپ قىلىشى بولوپ، بۇ خىل غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىت يانپاش بوغۇمىغا تەسىر قىلغاندا، يانپاش بوغۇم سۇيۇقلۇقلىنى قويۇلدۇرۇپ، بوغوم ئارلىقلىرىغا ئولتۇرشۇپ بۇزۇق ماددىلارنىڭ چىقىرلىشىنى مۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ، ھەمدە بوغۇم بېسىمىنى ئاشۇرۇپ ، ئەتراپدىكى توقولمىلارنى تەكرار غىدىقلاپ يەرلىك ئوروندا كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ .
2)   ئالامىتى:
تومۇرى ئىنچىكە ، ئاستا ، قاتتىق سالىدۇ ، كوز ئىقى ، تىل گىزى قارامتۇل كوكوش ، كىچىك تەرەت رەڭگى كۈكۈش بۇلىدۇ، قادىلىپ، تېلىپ ئاغرىش بۇلۇپ، ھەركەتلەندۇرگەندە زىيادە كۇچىيدۇ، يانپاش بۇغۇمىنى قېلىن مۇسكۇل قاتلىمى ئوراپ تۇغان بولغاچقا تاشقى كۈرىنىشتە ئىششىق بولمايدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:
3)    مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى10-20 كۇن بىرىلىدۇ .
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى: تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4-8 كۇن بىرىلىدۇ .
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋلاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ.
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاشنى مەقسەتتە: توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
قۇرسى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر، ئەرقى بەدىيان ، ئەرقى شوخلا، ئەرقى چوبىچىن، ھەببى ماتىدىل ھايات، قۇرسى كۇرسىنگى ، قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت ،ئەبرىشىم دانچىسى.
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر، نارپىننە ئىچىملىكى ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش جالىنۇس،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى.
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
مىڭىگە ھوللوك يەتكۇزۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش مەخسەتتە : ئۇيقۇ تالقىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ شەربىتى تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى ، قۇرسى داۋائىل مىشكى ،ئۇستىخۇدۇس ئىچىملىك، ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس ، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،سۇنبۇل شەربىتى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، قۇرسى نۇجاھ.
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
سۇپۇپى سورونجان كۇندە 2 قىتىم ،تاماقتىن كىيىن 5-10 گىرام سوغوق قايناق بىلەن ياكى ئەرقى شوخلا ، ئەرقى چوبىچىن بىلەن بىرىلىدۇ.
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4)  
نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282