busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 1 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 6954 قىتىم كۆرۈلدى

ئىچى سۇرۇش

ئىچى سۇرۇش چوڭ تەرەتنىڭ سۇيۇق ھەم كۆپ قىتىم كىلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ھەزىم سىتىمىدا كۆپ ئۇچىرايدىغان ئالامەتنىڭ بىرى بولۇپ چوڭ تەرەتنىڭ قىتىم سانى، مىقدارى كۆرنەرلىك كۆپەيگەن بولسا ئىچ سۇرۇش دائىرسىگە كىلىدۇ.

تونۇش :

ئىچ سۇرۇش ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كىسەللىك بولماستىن بەلكى ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان چوڭ تەرەتنىڭ سۇ يۇلۇپ قىتىم ساننىڭ كۆپيشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ھەزىم سىتام كىسەللىك ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت.

تۇرى

1.ئىچ سۇرۇش كىسەللىك سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلقىغا ئاساسەن 3تۇرگە بۆلىندۇ.

(1)ئاشقازان مەنبەلىك ئىچ سۇرۇش سۇزۇلما ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان كسلاتاسى كىمىش، ئاشقازان راكى قاتارلىق ئىچ سۇرۇش كىلىپ چىقىدۇ

(2)ئۇچەي مەنبەلىك ئىچ سۇرۇش ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدۇ

(3) ئاشقازان ئاستى بىزى مەنبەلىك ئىچ سۇرۇش دەپ 3تۇرگە بولىنىدۇ.

2.كىسەللىك خاراكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن :

(1)غىدىقلىنىش خاراكتىرلىك ئىچ سۇرۇش

(2)ياللۇغلىنىشلىق ئىچسۇرۇش

(3)سەفىرا ئىچ سۇرۇش

(4)نىرۋا خاراكتىرلىك ئىچ سۇرۇش

(5)سۇزۇلما خاراكتىرلىك ئىچ سۇرۇش قاتارلىق تۇرلەرگە بۆلىندۇ.(2ئايدىن يۇقۇرى)

  كىسەللىك سەۋەبى:

(1)تۇرلۇك ئۇچەي يۇلى كىسەللىكلىرى ئۇچەي يولى يۇقۇملىنىش، تولغاق ئۇچەي كىزىكى، فولىرا، ئۇچەي راكى، ئۇچەي مەددە قۇرۇت كىسەللىكلىرى (ئۇچەي دىۋارى ياللۇغلانغاندا سۇيۇقلۇقلارنىڭ شۇمۇرلشى ئازلايدۇ. ئاشقازان ئوپراتسيسى)

(2)بىر قسىم ھەزىم سىتىما كىسەللىكلىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يىرىگلەش، ئاشقازان راكى، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى كىمىش، ئاشقازان ئاستى بىزى ياللۇغى، راكى ، ھەزىم بۇزۇلۇش جىگەر ياللۇغى، جىگەر قىتىش قاتارلىق كىسەللەردىن كىلىپ چىقىدۇ.

(3)بىر قسىم دورا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ  تەسرى سانا خىيار شەنبە، سوقمۇنىيا سەبرى، بىدەنجىر، سىماب، ئىسپىرىت، مەرگىمۇش قاتارلىقلار ئۇندىن باشقا ئالما ئۇرۇقى، بىخلىنىپ قالغان ياڭيۇ، ئاچچىق مىغىز، زەھەرلىك موگو قاتارلىق زەھەرلىك يىمەكلىكلەر

 (5)روھى نىرۋا ئامىللىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. قاتتىق قورقۇش، جىدىيلىشش، غەم قايغۇ، قاتارلىق سەۋەپلەر كىلىپ چىقىدۇ. يەنى بۇ خىل ھالەتلەر نىرۋا سىستىمىسىنىڭ ئۇچەيگە قارىىتا تەكشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ئوڭايلا ئىچ سۇرۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

(6)زىيادە سىزمىچىلىق رىيەكسى: سۇت، تۇخۇم، بىلىق، دۇفۇ، مۇگو، قاتارلىق يىمەكلىكلەربىر قسىم كىشلەردە زىيادە سەزگۇرلۇك  رىياكسى پەيدا قىلىپ ئىچ سۇرۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

(7)ئۇفۇ تەنلىك نەزەرلە سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۇچەيگە قۇيۇلۇپ ئۇچەي زەخمىلەندۇرۇشدىن ئىچ سۇرۇش كىلىپ چىقىدۇ. ئۇفۇ تەنلىك نەلەر سۇيۇقلۇقى ئۆتكۇر غىدىقلاش خۇسۇسىييگە بولغان ماددا بولۇپ ئۇچەي دىۋارىدا غىدىقلاشنى بۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.

(8)يىمەك –ئىچمەك ئادىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە بىر قىسم غىدىقلىغۇچى يىمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش. مەسىلەن:داۋاملىق سۇيۇق سەلەت تاماقلارنى ييىشكە ئادەتلىنىش، تاماق تاللاش، لازا ئاچچىقسۇ، قارغۇچ قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش

 كىلىنىڭ ئىپادىسى :

چوڭ تەرەت قىتىم سانى رۇشەن دەرىجىدە كۆپيىپ سۇيۇق كىلىدۇ. ئۇفۇ تەنلەنگەن نەزلە، كۆيگەن سەفىرا ۋە قان بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئىچ سۇرۇشتە تەرەتنىڭ قىتىم سانى كۆرنەرلىك كۆپيىپ ئىنجىقلاش بىرگە كىلدۇ. تەرەتنىڭ قان يىرىڭ ئارلاش ماددىلار بولۇپ ناھايىتى سىسىق پۇرايدۇ. قۇرساق تولغاپ ئاغىرىيدۇ باسقاندا ئاغىرىق كۇچىيدۇ. بۇ ئالامەتلەرگە قۇشۇلۇپ ھەزىم بۇزۇلۇش،كۆڭلى ئىلشىش قۇسۇش ئالامەتلىرى بىرگە ئۇچەي غولدۇرلاش تاۋۇش كۇچىدۇ. بىماردا قىززغا بولىدۇ. بەلغىمى ئىچ سۇرۇشتە چوڭ تەرەت ناھايتى سۇيۇق بولۇپ قۇرساق ئاغىرىش ئانچە بولمايدۇ. (رئىچ سۇرۇش 2ئايدىن ئىشىپ كەتكەن بولسا سۇزۇلما ئىچ سۇرۇش، 3ھەپتە ئىچىدە بولسا ئۆتكۇر بولىدۇ)ئۇمۇمى بەدەنلىك ئالامەتلەر بىمارلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ماغدۇرسىزلىنىش كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ چىراي تاتىرىش، تىرىلەر قورغا قىلىش، يۇرەك چالاڭغۇراش، سۇغۇق تەرلەش، پەدەن ئىغىرلىقى تۆۋەنلەش قان بىسىم چۇشۇپ كىتىش ھەتتا ئىغىر دەرىجىدە سۇسىزلنىش يۇز بىرىپ شۇك پەيدا بولۇشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.

 بەدەن بەلگىسى :

(1)قۇرساق كۆپىيىشىدۇ. باسقاندا ئاغىرىق كۇچىيدۇ. ئۇچەي غۇلدىرلاش تاۋۇش كۇچىيدۇ. ئۆسمە سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىقان بولسا قولىغا مۇنۇكچە بىلىندۇ.

(2)ئۇمۇمى بەدەن سۇسىزلىنىش ئۇزۇقلۇق يىتشمەسلىك ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ. دىئاگۇنۇز قۇيۇش نوختىلىرى :

ئىچ  سۇرۇش پەيدا بولۇش سەۋەبى  ناھايتى مۇرەككەپ بولغان ئالامەت بولۇپ كىسەللىك ئەھۋالىنى ئەتىراپلىق ئىنچىكە ئىگەللەپ قىلغاندىلا ئاندىن ئىچ سۇرۇشكە دىئاگۇنۇز قويغىلى بولىدۇ.

(1)بىمارنىڭ يشى، كەسپى قاتارلىق تەرەپلەرگە دىققەت قىلغاندىن باشقا بىمارلار ئۇچىرشىش تارىخى، دورائىستمال قىلىش تارىخى يىمەك ئىچمەك تارىخى، ئائىلە تارىخى، ئوپراتىسيە تارىخى، قاتارلىق جەھەتتىكى ئۇمۇمىيۇزلۇك ئەھۋاللارنى ئەتىراپلىق ئىگەللەش كىرەك.

(2)ئىچ سۇرۇشكە قۇشۇلۇپ كەلگەن ئالامەتلەرنى ئىنچكە كۇزۇتۇش ھەمدە ئىچ سۇرۇشنىڭ خاراكتىرى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ياخشى ئىنىقلاش كىرەك. ئەگەر ئىچ سۇرۇش ئىنچكە ئۇچەي سەۋەبلىك كىلىپ چىققان بولسا چوڭ تەرەت سۇدەك كىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۆتكۇر يۇقۇملىنىش ۋە ئۇفۇتەنلىنىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا كىسەللىك جىددى باشلىنىپ گۇرۇج يۇغان سۇدەك ئىچ ئۆتىدۇ. قۇساق ئاغىرىيدۇ. ئەگەر چوڭ تەرەت قان يىرىڭ بولۇپ ئىنجىق بىلەن كەلسە ھەمدە بەدەن قىززغا بولسا تولغاقتىن گومان قىلىش كىرەك.

(3)لابىراتورىيەلىك تەكشۇرۇش نەتىيجىلىرى بىلەن بىرلەشتۇرۇش كىرەك. چوڭ تەرەتتىن باكتىرىيە ئۆستۇرگەندە ھەرخىل مىكرو ئورگانىزىم چوڭ تەرەتىن قان ھۇجەيرىللىرى يىرىڭ ھۇجەيرىللىرى تپلىدۇ. ئىچكى ئەزا ئەينىكىدە تەكشۇرگەندە ياللۇغ ياكى ئۆسمەم بارلىقىنى پەرىقلەندۇركىلى بولىدۇ.

داۋالاش :كىسەللىك سەۋەبى يۇقىتىش كىسەللىك ماددىسىنى تەڭشەش، ئىچ سۇرۇش توختىش ھەزىمنى ياخىشلاش پىرنسىپى بويىچە داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ. (بىر قسىم ئىچ سۇرۇشنى بالدۇر توختاماسلىق)،سىركەنجىبىن80م ل ،تۇز 12گىرام  ئىلىپ ئىلىمان سۇغا قۇچۇپ قوي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاشقازان تازىلىندۇ. سۇيۇقلۇق تولۇقلاش ئىچ توختۇتۇش مەخسىىدە :زەھرى مىھرى 20گىرام، ئەرەپ يىلىمى20گىرام، تاباشىر20، گىل مەختۇم 20، دورىلار كۆرسەتمە بويىچە ئىلىپ بىيە مىرابباسى بىلەن ئىچىشكە بىرىلىدۇ.ئەرقى گولاپ ئۇسۇزلۇققا ئىلىپ بىرىلىدۇ ياكى قۇرسى تاباشىر ھەببائاسى شەربىتى بىلەن ئىچكۇزىلىدۇ. جاۋراش ئۇد،سىپوپى ھىلىيلە ، جاۋراش ئەنبەر، جاۋراش سەپەر جىل قابىز قاتارلىق دورىلار شەربىتى ئەنجبھارا بىلەن ئىچكۇزىلىدۇ. تىخم خىرفە  5گىرام، ئوسۇك ئۇرۇقى 8، تىخم كاسنە 5گىرام، تاباشىر8  ئانار شەربتىگە قۇشۇپ ئىچكۇزىلىدۇ.تۆۋەندىكى قۇرۇسنىڭ ئۇنۇمى ناھايىتى ياخشى :قەلەمپۇر 10گىرام ، مەستىكى 5گىرام، دارچىن 10گىرام، ئود ھىندى 40گىرام، سۇمبۇل 5گىرام، شىكەر 70گىرام، سۇ بىلەن نەمدەپ قۇرۇس تەييارلىنىدۇ.

 سىناقتىن ئۆتكەن ئاددى چارىلار:

(1)پاقا يۇپۇرمىقى 5گىرام، كھىرىبا 1گىرام ئىزىپ قايناقسۇغا قۇشۇپ ئىچكۇزىلىدۇ.

(2)مەستىكى، تاباشىر سالايە قىلىپ گۇلقەنت بىلەن يىگۇزىلىدۇ.

(3)ئانارگۇل، خۇسنىياۋشان تەڭ مىقدارىدا ئىلىپ شەربىتى ئەنجى  باھار بىلەن ئىچكۇزىلىدۇ.

(4)قىتىق تۇمۇردا سۇي ، بخمارجان ئارلاشتۇرۇپ ئچكۇزىلىدۇ.

(5)تاتلىق ئانار سۇيى، 12گىرام، ئىسپفۇل6گىرام، ئالما شەربىتى24گىرام، ئىچكۇزىلىدۇ.

(6)قەھۋەنى قۇم قازاندا سۇقۇپ سوقۇپ كاپ ئەتكۇزىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282