busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 1 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7894 قىتىم كۆرۈلدى

ئۆت خالتا ياللۇغى

تونۇش:

ھەرخىل سەۋەبلەر دىن ئۆت خالتا شىللىق پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش بۇلۇپ كىلىنكىدا ئوڭ يۇقىرى قوساق ساھاسى ئاغىرىش، كۆڭۇل ئىلىشىش، قۇسۇش، قىززىش، قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ناھايتى كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەللىك. بۇ كىسەللىك 20-50 ياش ئارلىقىدىكى كىشىلەردە، ئاياللاردا بىرقەدەر كۆپ ئۇچىرايدۇ. كىلىنك ئىپادىسىنىڭ تىز ئاستىلىقىغا ئاساسەن ئۆتكۇر ۋە سۇزۇلما خاراكتىرلىك ۋە سۇزۇلما خاراكتىرلىك دەپ ئىككىگە بۇلنىدۇ.

كىسەللىك سەۋەبى :

 1) ئۆت خالتا ئىغىزىنىڭ تۇسۇلۇپ قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ (%90-%70) ھەرخىل پارازىت قۇرۇتلار، تاش، قوشنا ئەزالاردىكى ئۇسمىنىڭ بىسشى سەۋەبىدىن ئۆت خالتا ئىچىدىكى ئوت سۇيۇقلىقى راۋان چقالماي قۇيۇقلىقى ئاشىدۇ. سۇپىتى ئۆزگۇرەيدۇ، بۇ ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىش نەتىجىسىدە ئۆت خالتىسىنىڭ ئىچىكى بىسىمىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت خالتا، دىۋارى كىرىلىپ يەرلىك ئۇرۇندىكى قان تومۇر ۋەلىمفالارنى بىسىپ قان ئايلىنىشنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچۇرتۇپ نكروزلاندۇرىدۇ.

 2) يۇقۇملىنىش: كىزىك، قان زەھەرلىنىش، تولغاق قاتارلىق كىسەللىكلەر بىلەن ئاغىرىغاندا بۇنىڭ جاراسمى قان ئايلىنىش ۋە بىۋاستە يوللار ئارقىلىق ئۆت خالتىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۆتكۇر ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.

 3) ئاشقازان ئاستى بىزى سۇيۇقلىقنىڭ تەتۇريىنىشى: ئۆت باش كانىلى ۋە ئاشقازان ئاستى بىزى نەيچىسىنىڭ ئورتاق ئوتۇشمە يولى تۇسۇلغاندا ئاشقازان ئاستى بىزى تەتۇريىنىپ ئوت خالتىسىغا كىرىدۇ. ئاشقازان ئاستى بىزى سۇيۇقلىقى ئوت سۇيۇقلۇقلىقىدىكى ئوت تۇزى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىپ خمىيەلىك ئاكتىپلىشىپ ئوتكۇر خاراكتىرلىك ئۆت ياللۇغىنى شەكىللەندۇرۇىدۇ.

 4) ئۆتكۇر سەفىرا خىلتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.سەفىراخىلتىنىڭ مىقدار ۋە سۇپەت ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ئۇفۇنەتلىشىپ مەزكۇر كىسەللىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

5) يىمەك-ئىچمەك ئامىلى:زىيادە مايلىق تاماقلارنى ئوزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش،تاماق ۋاقتىغا رىئايە قىلماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

6)  ئۆت تىشىدىن پەيدا بۇلىدۇ:%70سۇزۇلما ئۆت ياللۇغى بىمارلىرىدا بىرگە كىلىدۇ.ئۆت تىشى ئۆت خالتا دىۋارىنى غىدىقلاپ ۋە زەخمىلەندۇرۇپ ئۆت سۇيۇقلۇقنىڭ چىقىرلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

7) باشقا سەۋەبلەردىن كىلىپ چىقىدۇ. كەڭ دائىرلىك كۆيۇك، چوڭ ئوپىراتسىيە، زەخملىنىش، قاناش قىززتما ،روھى كەيپىيات ياخشى بولماسلىق قاتارلىقسەۋەپلەردىن كىلىپ چىقىدۇ. .    

كىلىنكىلىق ئىپادىسى:

1. ئۆتكۇر ئۆت ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ناھايىتى جىددى بولۇپ كىسەللىك ئىغىر ئۆتىدۇ.ئاساسلىق ئالامەتلەردىن :

قورساق ئاغرىىش(%90).بۇ ئۆتكۇر ئۆت ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى بۇلۇپ ئۆت ئۇستۇنكى قورساق ساھەسىدە ،ئۆت رايۇنىداقاتتىق ئاغرىش بولۇپ كۆپىنچە مايلىق تاماقلارنى يىگەندە قوزغايدۇ.بەزىدە كىچىدە ئوت تىشى توسۇلۇپ كىىلىپ چىقىدۇ.ئاغرىش داۋاملىشىش خاراكتىردە بۇلۇپ ئۆڭ مۆرە ،بىلەك قاتارلىق ئۇرۇنلارغا قەدەر تارقايدۇ.

كۆڭۇل ئىلىشىش قۇسۇش. بىمارلاردا كۆڭۇل ئىلىشىپ قۇسۇش ناھايىتى ئىغىر بولىدۇقۇسقان قۇسىقى ،ئۆت سۇيۇقلۇقنى ئاساس قىلغان بولۇپ،قوسقاندىن كىيىن ئاغرىش يەڭگىللەيدۇ.ھەم بىمارلاردا ئىشتىھا ياخشى بولمايدۇ.

 پۇتۇن بەدەنلىك ئالامەتلەر:كۆپ ساندىكى بىمارلاردا38 گىرادۇس  ئەتراپىدا قىززىتما بۇلىدۇ.يىرىڭلىق ياللۇغ بولغاندا يۇقىرى قىزىتما ،جۇغ-جۇغ ،بىئاراملىق ھەتتا يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك شوك يۇز بىرىدۇ،10%بىمارلاردا سىرلىق بولىدۇ.بەدەن بەلگىسى:باسقاندا ۋەبىسپ قۇيۇپ بەرگەندە ئاغىرىق كۇچىيىدۇ. قوساق مۇسكۇلى قاتتىقلىشىدۇ. بىمار ناھايتى بىئارام بۇلۇپ بىئارام بۇلۇپ قاتتىق  تەرلەيدۇ ،تۇمۇرى تىز سالىدۇ تىلىدا ساغۇچ گەز بۇلىدۇ. ئوڭ تەرەپكە تۇگۇلۇپ ياتسا ئارام بىرىدۇ.

2.   سۇزۇلما خاراكتىرلىكتە :

 تەكىرار قوزغۇلۇشچان خاراكتىردىكى ئۇستۇنكى قوساق ئاغىرىش بۇلۇپ كۆپىنچە تاماقتىن كىيىن قۇزغايدۇ، ئاغىرىق تەخمىنەن 6- 1 سائەتكىچە قوزغاپ ئۆزلىگىدىن قويۇپ بىرىدۇ. بىمارلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆڭۇل ئىلىشىپ قۇسۇش، ئاشقازان ساھاھى يقىمسىزلىنىش، ئاچچىقسۇ ياندۇرۇش، مايلىق تاماقتىن سەسكىنىش، ئىشتىھاسىزلىق ئالامەتلىرى بۇلىدۇ. قىززتما سىرىقىلىق ئىپادىلىرى كۆرۇلمەيدۇ. كۆپىنچە بىمارلاردا تاش بىلەن بىرلىكتە كىلىدۇ.

 ئەگەشمە كىسەللىگى:

ئوت خالتىسى تىشىلىش: بۇ ئوتكۇر ئوت ياللۇغىنىڭ ناھايىتى ئىغىر ئاقىۋىتى بۇلۇپ %10 بىمارلار مۇشۇ سەۋەپ بىلەن ئۇلۇپ كىتىدۇ.

    ئۆت تىشى

    ئوت يولى توسۇلۇش.

دىئاگىنوز قۇيۇش ئولچىمى:

 1) تىپك   كىلنك ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگىنوز قۇيلىدۇ. يەنى ئوستۇنكى قوساق ئاغىرىش، كۆڭۇل ئىلىشىش قۇسۇش، مايلىق تاماقتىن سەسكىنىش، ئوت رايونىنى باسقاندا ئاغىرىق كۇچىيىش.

2) قۇشۇمچە تەكشۇرۇش نەتىجىلىرىگە ئاساسلىنىدۇ.

  ئاققان ھۇجەيرىسى يۇقۇرلايدۇ % 10غا يىتىدۇ، نتىروفىل دانىچە ئاشىدۇ.

Bتىپلىق ئاۋازدىن تېز دولقۇنلۇق ئاپىراتىدا تەكشۇرۇش: ناھايىتى قۇلايلىق زورۇل بولغان تەكشۇرۇش بۇلۇپ، ئوت خالتىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىگى، قىلىنلاش دەرىجىسى، تاش بىرگە كەلگەن كەلمىگەنلىگى قاتارلىقلارغا ناھايىتى ياخشى دىئاگىنوز قويغىلى بولىدۇ.بۇنىڭ توغۇرلىق نىسبىتى %90 گەيىتىدۇ.

(3) قان زەرداپنى تەكشۇرگەندە بىلروبىن ۋە سرىقلىق كۆرسەتكۇچى يۇقىرلايدۇ.

سىلىشتۇرما دىئاگىنوز:

1. ئوتكۇر ئوت ياللۇغنى توۋەندىكى كىسەللىكلەردىن پەرىقلەندۇرۇش زورۇر كىلنكىدا مەزكۇر كىسەللىككە خاتا دىئاگىنوز قۇيۇلۇپ قىلىش ئىھتياللىقى ناھايىتى يۇقىرى، شۇڭا كىسەللىك ئەھۋالىنى ئىنچىكە ئىگەللەپ توۋەندىكى كىسەللىكلەردىن پەرىقلەندۇرۇش لازىم.

(1) ئوتكۇر سازاڭ ئۇسۇكچە ياللۇغىدىن پەرىقلەندۇرۇش كىرەك. ئاغىرىش توچىكىسى ئوت ياللۇغىنىڭكىدىن توۋەنرەك ئورۇندا بۇلىدۇ. (ئوت تۇۋەنكىقوساق بەل قىسمى) دەسلەپتە ئاغىرىش كەڭ دائىرلىك بۇلۇپ كىيىن بىر نوقتىغا مەركەزلىشىدۇ.

 (2) ئاشقازان 12 بارماق ئۇچەي يارىسى تشلىش: ھەزىم كىىسەللىىك تارىخى بۇلىدۇ. قاناش ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. (3) ئوتكۇر جىگەر ياللۇغىدىن پەرىقلەندۇرۇش كىرەك. (ئىسپىرىتلىق جىگەر ياللۇغى، ۋىروشلۇق جىگەر ياللۇغى، ) بۇلاردىن سىرىت يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، ئوپكە ياللۇغى، بۆرەك  جامى بۆرەك  قاتارلىق كىسەللىكلەردىن پەرقلەندۇرۇشكىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك.

2. سۇزۇلما خاراكتىرلىك ئوت ياللۇغى.

(1)سۇزۇلما ئاشقازان جىگەر ياللۇغى، ھەزىم بۇزۇلۇش كىسەللىكلىرىدىن پەرقىلەندۇرۇش كىرەك.

(2)سۇزۇلما سازاڭ ئۇسۇكچە ياللۇغىدىن پەرقىلەندۇرۇش كىرەك.

ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش:

 ئۇزۇقلىنىشنى تەرتىپكە سىلىش، ھايۋانات مىيى، توخوم سىرىقى، ئىسىقلىق چاي دورىلىرى، غەلىزتائاملاردىن پەرىھىز قىلىش، توز سىز، مايسىز تاماق بىرىش، جىددى خاراكتىرلىك بولسا تاماق بىرىشتىن ۋاقتىنىچە چەكلەش. روھى كەيپىياتىنى ئازادە تۇتۇش جددىلەشمەسلىك. ئارام ئالدۇرۇش.دورا بىلەن داۋالاش:كىسەللىك ئەھۋالى  جىىدى قوزغالغاندا قايسى مىزاج بولىشدىن قەتئى نەزەر ئۆت يوللىرىدىكى تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە داۋالاش ئىىلىپ بىرىلىدۇ.

 1) شوخلا 50 گىرام بىخ كاسىنە 20 گىرام كاكنەچ 50 گىرام چۆچپچىن 20 گىرام قوغۇن ئۇرۇقى 20 گىرام ئوغىرتىكەن 20 گىرام بىخ باديان 20 گىرام چىڭسەي ئۇرۇقى 20 گىرام پىرسياۋشان 20 گىرام ئارپا بادىيان 20 گىرام قاندە بويۇنچە 600 شەربەت تەييارلاپ ئچىكۇزۇىلىدۇ. مۇرەككەپ دورىلاردىن: ئىسكەبجبىن بۇزۇرى، ئەرەقى شوخلا، ئەرەقى چوپچىن، ئەرەقى كاسنە، شەربىتى ئوشبە قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ. ئوت يوللىرىدىكى توسالغۇنى ئىچىش ئوتنى راۋانلاشتۇرۇش مەخسىتىدە:دىنار شەربىتى، بۇزۇرى شەربىتى، ئىسكەنجىبىن بۇزۇرى، شەربىتە سەپەرجىل قاتارلىقلار بىرىلىدۇ. ئىكەنجىيىن بۇزۇرى نىڭ تەركىبى: كاسنە ئۇرۇقى 9 گىرام خوڭگا ئۇرقى 15 گىرام بادىيان 9 گىرام پىتىنگان ئۇرۇقى 15 گىرام چىڭسەي ئۇرۇقى 9 گىرام قوغۇن ئۇرۇقى 15 گىرام پوستى بىخ بادىيان 21 گىرام بخ كاسىنە 24 گىرام سىىركە 60  قەنىت 500  قائىدە بۇيىچە 750  شەربىەت تەييارلاپ بىرىلىدۇ.

 2) ئىششىق ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەخسىتىدە توۋەندىكى زىماتنى ئىشلەتسە بۇلىدۇ. شوخلا 20 گىرام پوستى خە 20 گىرام بابۇنە  20 گىرام بىنەخش 20 گىرام ئاق لەيلى ئۇرۇقى 20 گىرام ئىكلىملىك20 گىرام ئارپا20 گىرام زىغىر  15 گىرامگۇل يىغى ياكى ئەرەقى شوخلا بىلەن زىمات قىلىپ ئوت ساھاسىگە چىپىلىدۇ. ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە داۋالاپ ئۇنۇم كۇرۇلمىسە كىسەللىك ئەھۋالى بارغانسىرى يامانلىشىپ ئەگەشمە كىسەللىكلەر پەيدا بۇلۇپ يامانلاشسا ئوپىرتسىيە قىلىپ داۋاشنى ئويلاشىسا بولىدۇ. سۇزۇلما خاراكتىرلىكنى داۋالاش:ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش مەخسىتىدە:ئىتتىرفل  چۆپچىن، شەربىت بۇزۇرى، ئەرەقى شوخلا، شەربىتىئەخسەتتىن، قۇرسى زىرىشكە بىرىلىدۇ. ھەزىمنى ياخشىلاش ئىشتھانى ئىچىش ئۇچۇن نارفننە، ئامىلەنوشىدار، جاۋارش ئۇدتۇرۇش، قىزىل گۇلقەنىت قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ. سۇزۇلما ئوت ياللۇغىنى داۋالاشتا توۋەندىكى شەربىتىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچىشكە بەرسەك ئونۇمى ياخشى بولىدۇ. ئوغىرى تىكەن 300 گىرام چىلغۇزە 100 گىرام زاراڭزا ئۇرۇقى 200 گىرام تۇرۇپ ئۇرۇقى 100 گىرام قوغۇن ئۇرۇقى 200 گىرام  بادىيان 300 گىرام خوڭگا ئۇرۇقى 150 گىرام تال غازىڭى 300 گىرام پىرىسياۋشان 100 گىرام 11 گىرام شەربەت تەييارلاپ ئۇزۇن مۇددەت ئىچىشكە بىرىمىز. يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش:  ئۇرۇم، ئالما، بىيە، ئۇرۇك غۇرىسى، ئانار سۇيى ھەربىرىدىن 100 مىللىمىتىر ئىلىپ 250 گىرام سىركەھەم  60 گىرام شىكەر قۇشۇپ ئىچكۇزىمىز.بىيە مۇرابباسىنڭ ئۇنۇمى ياخشى، ئەينالۇمىرابباسى. ھۆل پىننە سۇي 30 مىللمىتىر قىزىل گۇل 60 مىللىمتىر، لىمون سۇيى 60 مىللىمىتىر ئاچچىق ئانار سۇيى 60 مىللىمىتىر ئارلاشتۇرۇپ شىكەر قۇشۇپ شەربەتقىلىپ ئىچسە بۇلىدۇ. گۇل بىنەفشە، بىج كاسىننە، بادىيان 10 گىرامدىن، گاۋزىبان بىخ كىرەفشە  5 گىرام، ئەنجىرقىقى 3 گىرام سۇمبۇل، شوخلا 5 گىرام ئۇزۇقسىز ئۇزۇم 10 گىرام 500م ل شەربەت تەييارلاپ ئىچكۇزسە بۇلىدۇ

تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282