busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 1 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5642 قىتىم كۆرۈلدى

ئۆتكۇر ئاشقازان ياللۇغى

ئۆتكۇر ئاشقازان ياللۇغى يەنە چىرىش خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇنىڭدا ئاشقازان شىللق پەردىلىرى ئىغىر دەرىجىدە زەخمىلەنگەن بولىدۇ. ئومومى بەدەنلىك ئالامەتلەر ناھايتى ئىغىر ئۆتىدۇ.

كىسىەللىك سەۋەبى ۋە ميخانىزىمى :

1. ئۆتكۇر يۇقۇملىنىشدىن بولىدۇ. ئۇفۇنەتلىنش، ئۆتكۇر يۇقۇملىنىش، جاراسىملار نىڭ توكسىنلىرى ئاشقازان ئىچكى مۇھىتىنى بۇزۇپ يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچىرتىدۇ.

2. فىزىكا خميەلىك ئامىللار : ئۆتكۇر كىسىلتالىق ،تىزاپلىق دورىلارنى ئىچىۋىلىش ، ئۇندىن باشقاAPC،رېماتىزىمغا قارشى دورىلار، ئىسپرىت،راك ئۆسمىگە قارشى دورىلار كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

3.  ئۆتكۇر ئۇفۇنەتلەنگەن سەفرا خىلتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

4. باشقا سەۋەبلەردىن كىلىپ چىقىدۇ. بۇزۇلغان چىرىگەن يىمەكلىكلەر نى ئىستىمال قىلىش، ،كەڭ  دائىرلىك كۆيۇك، چوڭ ئوپىراتسىيە، ئاشقازاندا يات ماددا تۇرۇپ قىلىش ،ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ تەتۇر يىنىشى ،جىىددى ئىنكاسچانلىق رىيەكسىيسى قاتارلىقلار كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئۇندىن باشقا ناچار روھى ھالەت  ،چىچىلاڭغۇلۇق ، جىددىلىك، تاماقلىنىش ئادىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن كىلىپ چىقىدۇ.بىر قىسىم ماتىرياللاردا ئىچكى ئامىل ۋە تاشقى ئامىل سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.دەپ قارىلىدۇ

كىلنىك ئىپادىسى : كىسەللىك ئىپادىلىرى بىرقەدەر ئىغىر ۋە جىددى بولۇپ، ناھايتى تېز تەرەققى قىلىدۇ. ئۇستۇنكى قوساق رايۇنىنى مەركەز قىلىپ قاتتىق ئاغىرىش بولىدۇ. قوساق كۆپىدۇ.كۆڭۇل ئىلىشش قۇسۇش ىدۇ. كۆڭلى تاماق تارتمايدۇ. ئىغىر لىرىدا ئاشقازان قاناش، چوڭ تەرىتى ۋە قۇسۇقىدىن قان كىلىدۇ.ئۇستۇنكى قوساق رايۇننى باسقاندا ئاغىرىق كۇچىيش بولىدۇ.ئايرىم بىمارلاردا ئىچ سۇرىدۇ. ئومومى بەدەنلىك ئالامەتلەردىن چىراي تاتىرش، قىززش، ماغدۇرسىزلىق، قان ئازلىق ئالامەتلىرى ككرۇلىدۇ. ئەگەر زەھەرلىك دورا ياكى خىميەلىك دورىلاردىن زەھەرلىنىشدىن بولغان بولسا يۇقارقى ئالامەتلەر تىخمۇ ئىغىر ئۆتۇپ ھۇشسىزلىنىدۇ. بەدەن مۇزلايدۇ. قان بىسىمى چۇشۇپ كىتىدۇ. تومرى ئىنچىكە تېز سالىدۇ.بۇۋاقىتتا كىسەللىك تارىخىنى ياخشى ئىگەللەپ، ئەتراپلىق سوراپ،دىئاگىنۇزىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كىين جىددى داۋالاش تەدبىرىنى تۇرغۇزۇش كىرەك .

سىلىشتۇرما دىئاگىنۇز :

1)  ئاشقازان 12 بار ماق ئۇچەي يارىسى

2)  ئۆت سانجىقى

3)  ئۆتكۇر سازاكسىمان ئۆسۇكچە ياللۇغى

دىئاگىنۇز قويۇش ئۆلچىمى :

1)   تىپىك كىلنىكىلىق ئىپادىسى :

2)    ئاشقازان ئەينىكى ۋە تېرىك توقۇلما ئىلىپ تەكشۇرۇش :ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۇرگەندە ئاشقازان شىللىق پەردىسى قان تولۇش سۇلۇق ئىششق بولۇپ، گۇللۇكسىمان قىزىل ئارىلاش ئۆزگۇرەيدۇ. يىگىلەش خارەكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغىدا شىللىق پەردە ئاقۇش ياكى كۈلۈرەڭ كۆرۈنىدۇ.يېرىلغان قورۇقچىلار ئىنچىكىرەپ قالىدۇ .شىللىق پەردە تېگىدىكى قان تومۇرلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. زورۇل بولسا يەرلىك ئورۇندىن تېرىكتوقۇلما ئىلپ ئانالىز قىلىنىدۇ.

3)     رېنتېگىندە تەكشۇرۇش :ناھايتى كەڭ كۆلەمدە كۆرۇلىدۇ. ياللۇغ ئورنىنىڭ دىۋارى ئەتراپ توقۇلمىد ىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ قالىدۇ. تەكشىلىكىنى يوقاتقان بولىدۇ.

4)   ئاشقازان سۇيۇقلىقىنى ئانالىز قىلىش : يۈزەكى ئاشقازان ياللۇغىدا ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجىرالمىسى نورمال بولىدۇ. سوزۇلما يىگىلەش خارەكتىلىك ئاشقازان ياللۇغىدا ئاشقازان كىسلاتاسى كۈرۈنەرلىك ئازىيىپ كېتىدۇ.

داۋالاش :

داۋالاش پىرىنسىپى :ياللۇغ قايتۇۇش ،سپازما بوشتش، قان توختتۇش،زەھەرلىك دورىلارنى ئىچىۋىلىشتىن كىلىپ چىققان بولسا زەھەر قايتۇر قۇستۇرۇش پىرىنسىپى قوللىنىدۇ.زەھەرلىك دورىلارنى ئىچىۋالغان بولسا دەرھال سۇت،تۇخۇم ئىقى ئۇچكۇزۇش ،تىزاپلىق دورىلارنى يەۋالغان بولسا تۇز سۇيى ،توغرۇغۇ ئۇچكۇزۇش ،پار بىلەن زەھەرلەنگەن بولسا بىدەنجىر يىغى ئۇچكۇزۇش،تۇخۇنىڭ پىيىنى پاكىز يۇيۇپ گالغا تىقىپ ئايلاندۇرۇش.

كۆڭۇل ئىلىشىش قۇسىۇش بەك ئىغىر بولسا:ئاچچىق ئانار سۇيى ،160م ل ،تاتلىق ئانار سۇيى 50م ل ، ئالما سۇيى 50م ل ،زىرىق سۇيى30م ل ئارلاشتۇتۇپ ئىچكۇزۇش.

بىمار ئۆتكۇر ئوقۇنەتلىك سەپرا خىلىتىنى ئۇستۇنلىكىنى ئىگىلىگەن بولىسا:

كاسىنەئۇرۇقى، شوخلا،سىمىز ئوت ئۇرۇغى ،بادىيان ،قىزىل گۇل،گۇلبنەفشە10گىرامدىن قاتارلىق دورىلارنى ئەرقى بەدىيان ياكى ئەرقى شوخلاغا چىلاپ قايتىنىپ شىرىنى چىقىرىپ بۇزۇرى شەربىتى بىلەن ئۇچكۇزۇش.كۆك كاسنە سۇيى ،نىلپەر شەربىتى قاتارلىقلارئۇسسۇزلۇققا بىرىلىدۇ.كىسەللىك ئەھۋالىداياخشىلىنىش كۇرۇلگەندە :قەلەمپۇر10گىرام بەدىيان، قاھىلە10، لىچىندانە 10 گىرامدىن سۇ300گىرام گۇلقەنت60گىرام شەربەت قىلىپ ئىچكۇزۇش، قۇرسى تاباشىر بىرىش.

مۇرەككەپ دورىلاردىن شەربىتى نارپىننە،جاۋارش ئەنبەر،ئەرەقى گۇل ....قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282