busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 1 دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5819 قىتىم كۆرۈلدى

چاشقان يارىسى ( خانازىر )

كېسەل پەيدا بۇلۇش سەۋەبى:

1. قۇيۇقلاشقان, بۇزۇلغان بەلغەم ماددىلىرى بۇيۇن, ئوقرەك سۆڭەك ئۈستى, قولتۇق بەزلىرىدە, ئىچكى ئەزالارنىڭ چۆرسىدىكى بەزلەردە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قېلىش سەۋەبىدىن قۇيۇق بەلغەم سىلنى پەيدا قىلغۇچى سىل تاياقچى باكتىرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بۇزۇلۇشتىن پەيدا بۇلىدۇ.

2. غەيرى تەبىئى سەۋدانىڭ بەلغەمگە ئارلىشىشىدىن پەيدا بۇلىدۇ.

3. بۇ كېسەللىك كۆپۈنچە ئۆسمۈر ۋە ياشلاردا ئۆپكە سىلى بىلەن ئاغرىغاندىن كېيىن لىمپا بەزلىرى سىل تاياقچە باكتىرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.

4. بادەمسىمان بەزنى ئوپراتسىيە قىلىش جەريانىدا لىمپا ھۆجەيرىلىرى ۋە لىمپا بەزلىرىگە پىچاق تىگىپ كىتىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.

كېسەللىك ئالامەتلىرى:

كېسەللىكنىڭ دەسلىپىدە تېرە ئاستىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان كىچىك مۇدۇر پەيدا بولىدۇ. ئاغرىيدۇ, تېرە ئاستىدا مىدىرلاپ تۇرىدۇ. كېيىن بىر قانچە مۇدۇر پەيدا بولۇپ قاتارلىشىپ تىزىلىپ تۇرىدۇ. باسقاندا مىدىرلاپ تىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ. كېيىن تەرەققى قىلىپ تىشىلىپ سېرىق زەرداپ سۇ ياكى يىرىڭ ئېقىپ تۇرىدىغان ئاقما جاراھەتكە ئايلىنىدۇ. بىماردا چۈشتىن كېيىن قىززىش, كېچىسى ئۇيقۇسى قېچىپ تەرلەش, چىرايى نۇرسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئۆپكە سىلى سەۋەبىدىن بولغانلىرىغا يۈتەل بىلەن بىرگە بىمار ئۇرۇقلاپ, ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش, پۇت-قول تېلىپ ئاغرىش كۆرىلىدۇ.

دىئاگنۇز ۋە سېلىشتۇرما دىئاگنۇز

دىئاگنۇز قۇيۇشتا لىمفا بەزلىرى كۆپ جايلاشقا بۇيۇن, قولتۇق, يىرىق قاتارلىق جايلارغا پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى, جارائەتنىڭ شەكلى, سېسىق بەدبۇي يىرىڭ  چىقىش ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن دىئاگنۇز قۇيىلىدۇ.

پەرىقلەندۈرشتە: بۇ كېسەللىك لىمفا بەز ياللۇغى, قالقانسىمان بەز ياللۇغى, ماي ئۆسمىسى قاتارلىقلاردىن پەرىقلەندۈرىلىدۇ.

داۋالاش:

1. تىز ھەزىم بولىدىغان, بەدەننى كۈچەيتكۈچى يىمەكلىكلەر بېرىلىدۇ.چۈچمەل, ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى بىرىش مەنئى قىلىنىدۇ. كەچ تەرەپتە تاماقنى ئاز ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ. روھى غىدىقلاشلاردىن ساقلىنىدۇ.

2. بەدەن سىرتىدىن كېسەللىك ئۈستىگە ئىششىق ياندۇرغۇچى دورىلار تېڭىلىدۇ.

3. سىرتىدىن مەلھىمى داخىلىيۇت قاتارلىق مايلار سۈرتۈلۈپ ئىششىق ياندۇرىلىدۇ.

4. قۇيۇق غەيرى تەبىئى بەلغەمنى تازلاش ئۈچۈن ئايارەج ۋە ئىتتىرنىللار بېرىلىدۇ.

5.يىرىڭ زەرداپنى چىقىرىپ يارا ئېغىزىنى پۈتتۈرگۈچى باكتىريگە قارشى تۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

6. غەيرى تەبىئى بەلغەم, غەيرى تەبىئى سەۋدا ماددىلىرىنى يۇمشاتقۇچى, سۈرۈپ چىقارغۇچى, مۇنزىچ, مۇسھىللار بېرىلىدۇ.

7. دورىلار بىلەن كىسەللىك ياخشىلانمىسا كېسىپ, كىسەللىك قىرىپ ئېلىنىپ گۆش ئۈندۈرگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق داۋالىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282