busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 1 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 18446 قىتىم كۆرۈلدى

رېماتېزىم خاراكتىرلىك يۈرەك كىلاپان كېسەللىكى

تونۇش:

ئۆتكۈر رېماتىزىم كېسەللىكى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك كىلاپان پەردىلىرى تالالىشىپ ، چاپلىشىپ ، كىلاپان تارىيىش ياكى تولۇق يېپىلماسلىق ، كىلىنكىادا نەپەس قىيىنلىشىش ، كۆكرەك ئاغرىش ، يۇتىلىش ، قان تۈكۈرىش سول يۈرەك چوڭىيىش ھەمدە كېسەللەنگەن كىلاپانلاردا مۇناسىپ ئالامەتلەر ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك بولۇپ ، يۈرەك قان-قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىچىدە %40 نى ئىگىلەيدۇ كۆپىنچە 20~40 ياشلىقلاردا ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە بىر قەدەر كۆپ كۆرىلىدۇ .

سەۋەبى :

1. ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

2. شورلۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

1- گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

2-كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

3-يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

4-قان تومۇر ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

5-يۈرەك قېپى ئىچكى پەردە ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

6-يۇقىرى قان بېسىم سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

7-كىلاپاننىڭ تۇغما كەمتۈكلىكىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

8-بوغۇم ياللۇغى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

3. زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

كېسەللىك ئۆزگىرىشى :ئادەتتە كىلاپان كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئائورتا كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىق ،ئائورتا كىلاپان تاريىش، ئىككى قاپقاق كىلاپان تاريىش، ئىككى قاپقاق كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىق كۆپ ئۇچۇرايدۇ

1- ئىككى قاپقاق كىلاپاننىڭ شەكىل ئۆزگىرىش جەريانى

كىلاپان ياپراقچىلىرى تۇتاشان ئورۇندا ياللۇغلىنىش، سۇلۇق ئىشىق پەيدا بولغاچقا كىلاپان ياپراقچىلىرى چاپلىشىپ تالالىشىپ كىلاپانلارنىڭ تاريىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ئىككى قاپقاق كىلاپان تاريىش دەرجىسى خارەكتىرگە قاراپ ئىككى تىپقا بۆلىنىدۇ

پاسىل پەردە تىپى: ئاساسلىغى كىلاپان تېنىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى يەڭگىل دەرجىدە بولۇپ ھەركەتلىنەلەيدۇ

ۋارونكا تىپى : ئاساسى كىلاپان ۋە كىچىك كىلاپان ئىنتايىن قېلىنلاشان ۋە تالاشقان بولۇپ كىلاپان پەردە ھەركىتى يۇقۇلىدۇ پەي تاناپچىسى ۋە كالاپان پەردىسى كۈرنەرلىك دەرجىدە قىسقىراپ ۋە چالىشىپ ۋارونكا شەكلىگە كىرىپ قالىدۇ

2- ئىككى قاپقاق كىلاپان تولۇق يۋپىلماسلىقنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشى:

كىلاپان پەردىلىرى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن تالالىشىپ قىسقىراپ كىچىكلەپ قېتۋالىدۇ ئەمچەكسىمان مۇسكۇل پەي تاناپچىسى قېلىنلاپ چاپلىشىپ كالتىسيلىشىپ قىسقارغانلىقتىن  كىلاپان پەردىسى نورمال ھەركەتلىنەلمەيدۇ

3- ئائورتا كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىقنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشى:

ئائورتا كىلاپانى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن قېلىنلاپ ، قىسقىرىپ ، غەيرى شەكىلگە كىرىپ قالىدۇ .

4- ئائورتا كىلاپان تارىيىشنىڭ شەكىل ئۆزگىرىش جەريانى : كىلاپان پەردىلىرى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن ئائورتا كىلاپان يېپىلماي تارتۇق توقۇلمىلار قىسقىراپ كىلاپان ياپراقچىلىرى ئۆئارا چاپلىشىپ ، ئائورتا كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

ئالامىتى :

ئىككى قاپقاقلىق كىلاپان تارىيىشنىڭ ئالامىتى :نەپەس قىىينلىشىدۇ ، يۈرەك رېتىمسىزلىنىدۇ ، يۈتىلىدۇ ، كۆكرەك ئاغرىيدۇ ، بەدەن بەلگىلىرىدىن يۈرەك ئۇچى رايۇنىدا ئېچىلىش دەۋرىلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ . ئىككى مەڭزى بىنەپشە رەڭ بولۇپ كالپۇكلىرى يىنىك دەرىجىدە كۆكىرىپ ئىككى كاپقاقلىك كىلاپان چىرايىنى شەكىللەندۇرىدۇ . چىكىپ تەكشۈرگەندە يۈرەك بوغۇق تاۋۇش چىگرىسى تۆش سۆڭەك سول قىرى ئۈچىنچى قوۋۇرغا ئارلىغىغا كېڭىيىدۇ .يۈرەك ئۇچى رايۇنىدا بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىدۇ .ئۆپكە ئارتىرىيە كىلاپان رايۇنىدا ئىككىنچى كىلاپان يۈرەك رايۇنى كۈچىيىدۇ .ئۈچ قاپقاقلىق كىلاپان رايۇنىدا قىسقىراش خاراكتىرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ .ئۆپكە ئارتىرىيە رايۇنىدىن ئېچىلىش دەۋرىلىك شامال سوققاندەك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ . 

ئىككى قاپقاقلىق كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىقنىڭ ئالامىتى : كۆپىنچە كۆرنەرلىك روشەن ئالامەتلىرى بولمايدۇ. نىسبەتەن ئېغىر بولغۇچىلاردا يۈرەك سېلىش ، يۇتۇلىش ، نەپەس قىيىنلىشىش ، چارچاش ، ھالسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بەدەن بەلگىلىرىدىن يۈرەك ئۇچى رايۇنىدا قىسقىراش دەۋرىلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ .يۈرەك ئۇچى رايۇنىدا بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ . يۈرەك ئۇچى رايۇنىدا دائىم ئۈچىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ .ئۆپكە ئارتىرىيە كىلاپان رايۇنىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى كۈچىيىدۇ .يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى سول تۆۋەنگە سىلجىيدۇ . تومۇر سوقۇشى ئىنچىگە كىچىك بولىدۇ .

ئائورتا كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىقنىڭ ئالامىتى :دەسلەپتە ئالامىتى بولمايدۇ ، لىكىن يۈرەك سېلىپ بويۇن ياكى باش قىسمىدا لوقۇلداش سېزىمى پەيدا بولىدۇ ، ھەركەتتىن كىيىن باش قېيىش ، قۇلاق غۇڭۇلداش ، سول تەرەپنى بېسىپ ياتالماسلىق ، يۈرەك ئالدى تېلىپ ئاغرىش ، چارچىغاندا نەپەس قىيىنلىشىش ، ئەس- ھۇشىنى يوقۇتۇش بولىدۇ . بەدەن بەلگۈلىرىدىن ئائورتا كىلاپان ئىككىنچى ئاڭلاش رايۇنىدا ئېچىلىش دەۋرىلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ .ئائورتا كىلاپان رايۇنىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ ، يۈرەك ئۇچى رايۇنىدا ئېچىلىش دەۋرىلىك شاۋقۇن پەيدا بولىدۇ ، يۈرەك ئۇچى سول تۆۋەنگە قاراپ كېڭىيىدۇ .

ئائورتا كىلاپان تارىيىشنىڭ ئالامەتلىرى :يىنىك بولغاندا ئالامەتلىرى كۆرىلمەيدۇ .ئېغىرلىرىدا چارچاش ، ھالسىزلىنىش ، نەپەس قىيىنلىشىش ، يۈرەك سانجىقى قوزغۇلۇش ، باش قېيىش ،ئەس - ھۇشى توسقۇنلىققا ئۇچراش قاتارلىقلار كۆرىلىدۇ . بەدەن بەلگۈلىرىدىن ئائورتا كىلاپان رايۇنىدا قىسقىراش دەۋرىلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىش ، ئائورتا كىلاپان رايۇنىدا ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ . يۈرەك ئۇچى سوقۇش ئورنى سولغا سىلجىيدۇ .

دىئاگنوز ئاساسى :

كىسەللەك تارىخىغا ئاساسەن .

تىپىك كىلىنىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن .

قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن .

رېنتىگىندە تەكشۈرۈش.

يۈرەك  ESG دا تەكشۈرۈش .

ئولتۇرا ئاۋازلىق يۈرەك ئىلىكتىر رەسىمىدە تەكشۈرۈش .

سېلىشتۇرما دىئاگنوز :

ئىككى قاپقاقلىق كىلاپان تارىيىشنى ئۆپكە سىلى، كانايچە كېڭىيىش كېسىلىدىكى قان تۈكۈرۈشتىن پەرىقلەندۈرىمىز .

ئىككى قاپقاقلىق كىلاپان تولۇق يېپىلمىغاندىكى قىسقىرىش دەۋرىلىك شاۋقۇن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن پەرقلەندۈرىلىدۇ :

بىر قىسىم نورمال كىشىلەردە ، بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەر ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ يۈرەك ئۇچى رايۇنىدىن قىسقىرىش دەۋرىدىكى 1- . 2- دەرىجىلىك شامال ھۇشقىرغاندەك شاۋقۇننى ئاڭلىغىلى بولىدۇ .

يۇقىرى قىزىتما ، قان ئازلىق ، قالقان بەز خىزنىتى كۈچىيىپ كىتىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان شاۋقۇندا ئەسلى كېسەللىك ئىپادىلىرى بولىدۇ . شاۋقۇن ئەسلى كېسەللىك ساقايغاندىن كېيىن يوقاپ كىتىدۇ .

يۇقىرى قان بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك كېسەللىكى ياكى ھەر خىل يۈرەك مۇسكۇل كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك سول قېرىنچىسى كېڭىيىش ياكى ئىككى قاپقاقلىق ھالقىسى كېڭىيىش كەلتۈرۈپ چىقارغان نىپىشىي تولۇق يېپىلماسلىققا گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ياكى يۈرەك مۇسكۇل كېسەللىكلىرىنىڭ ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ .

ئۈچ قاپقاقلىق كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىقتىن پەرقلەندۈرلىدۇ .

ئىككى قاپقاقلىق كىلاپان ئاجرىلىپ چۈشۈشتىن پەرقلەندۈرلىدۇ .

ئۆپكە ئارتىريە كىلاپانى نىسبى تولۇق يېپىلالماسلىقتىن پەرقلەندۈرلىدۇ .

تۇغما خاراكتىرلىك ئائورتا كىلاپان تارىيىشتىن پەرقلەندۈرلىدۇ .

ئىككى قاپقاقلىق كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىقتىن پەرقلەندۈرلىدۇ .

ئائورتا كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىق سىبلىس خاراكتىرلىك ئائورتا كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىق ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ياكى ئائورتا بوتقىسىمان قېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان نىسبىي خاراكتىرلىك ئائورتا كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىق ، نوقۇل رېماتىزىم خاراكتىرلىك ئائورتا كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىق قاتارلىقلاردىن پەرقلەندۈرلىدۇ .

ئالاھىدە پەيدا بولغان قېلىنلاش خاراكتىرلىك ئائورتا كىلاپان تارىيىشتىن پەرقلەندۈرۈمىز .

ئاقىۋىتى :

ۋاقتىدا جىددى تەدبىر قوللىنىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ .ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى چارە قىلىنمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش ، يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق ، يۈرەك رېتىمسىزلىقى ، جاراسىملىق يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى ۋە ھەر خىل نوكچىلاردىن بولىدىغان كەپلەشمىلەرنى پەيدا قىلىدۇ .

داۋالاش پرىنسىپى :

خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلىشتىن بولغان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولسا ، شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ  كېسەللىك سەۋەپچىسى يوقۇتىلىدۇ .

قان تومۇرنى كېڭەيتىش ، سۈيدۈك ھەيدەش ، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .

نەپەس راۋانلاشتۇرۇش ، بەلغەم بوشۇتۇش يۆتەل پەسەيتىش ، نەپەس يولىنى سىلىقلاش مەخسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .

ياللۇغ قايتۇرۇش مەزىسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .

ئوپىراتسىيە قىلىنىدۇ .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

تەستە ھەزىم بولىدىغان ، غىدىقلاش تەسىرى بولغان مايلىق ، تۇزلۇق يىمەكلىكلەر دىن ، زڭيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرلىدۇ .

ئاسان ھەزىم بولىدىغان ، تەركىبىدە تۇز مىقدارى ئاز بولغان ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلەر بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ .

كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ، ئېغىر جىسمانى ئەمگەكتىن سوغۇق سۇدا يۇيۇنىشتىن ، زىيادە ئاچچىقلىنىشتىن ، غەم ئەندىشە قىلىشتىن ، سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ، زۇكام بولۇشتىن ، چاڭ تۇزانلىق سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم .

يەڭگىل ھەرىكەت بىلەن ئارام ئېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش ، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ، روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش ، مەنزىرلىك جايلارغا بېرىپ سەيلى- ساياھەت قىلىش لازىم

تەييارلىغۇچى : يۇرەك ، مىڭە ، قان - تومۇر كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282