busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 1 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 23599 قىتىم كۆرۈلدى

ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى

تونۇش:

تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئوڭ يۈرەك يۈكى ئېشىپ، كىلىنىكىدا يۈتۈلۈش ،بەلغەم تۈكۈرۈش، ھاسىراش، سۇلۇق ئىششىش،تال جىگەر چوڭۇيۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك

 بۇ كېسەللىك كېسەللىك  باشلىنىشنىڭ تېز ئاستىلىغىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ ئۆتكۈر سوزۇلما دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ

سوزۇلما ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

ئۆپكە كانايچە ۋە كۆكرەك قەپىزىدىكى سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئوڭ يۈرەك يۈكى ئېشىپ يۈتۈلۈش، بەلغەم تۈكۈرۈش، ھاسىراش، كۈكۈرىش، بويۇن ۋىناسى كۆپۈش ،تال جىگەر يۇغۇناش سۇلۇق ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك

سەۋەبى:

كاناي ئۆپكە كېسەللىكلىرى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ

كۆكرەك قەپىزىنىڭ ھەركىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرتىدىغان ئەھۋاللەردىن كېلىپ چىقىدۇ ،ئۆپكە قانتومۇرلىردىكى كېسەللىكلەرنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ

ئالامىتى:

دەسلەپكى دەۋىرلىك ئىپادىسى:

يۈتۈلىدۇ، نەپەس قىينلىشىدۇ ، بەلغەم تۈكۈردۇ، قان تۈكۈردۇ، ئۆپكىدىن ھۆل قۇرۇق خىرىپ ئاڭلىنىدۇ ، ئوخشىمىغان دەرجىدە كۈكۈردۇ، بامبۇك بۇغۇمىسىمان بارماق شەكىلنىدۇ. كۆكرەكنەڭ شەكلى تۇڭ شەكىلگە كىرىپ قالىدۇ، ئولتۇرۇپ نەپەسلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئۆپكە ئارتىريە كىلاپان رايۇنىدا زىيادە ئۇچۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ يۈرەك بوغۇق تاۋۇشى كىچىكلەيدۇ

ئېغىرلاشقان دەۋىردىكى ئالامەتلىرى:

ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك بىلەن ئۆتكۈر ئۆپكە ئىچى يۇقۇملۇنۇش بولىدۇ

كاربون چالا ئوكسىدى يىغىلىپ قېلىش بىلەن باش قايىدۇ

يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ

قوزغاتقۇچى ئامىللار:

يۇقۇملۇنىش، زىيادە چارچاش، تاماقنى كۆپ يىيىش، قان ئازلىق، مۇھىت بۇلغۇنۇش،

قاتارلىقلار

دىئاگىنۇز ئاساسى:

كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن 2.كېسەللىك ئالامەتلىرگە ئاساسەن3.قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن

سېلىشتۇرما دىئاگىنۇزى:

رىماتىزىملىق يۈرەك كېسىلىدىن پەرىقلەندۈرمىز2.تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىدىن پەرىقلەندۈرمىز3.تۇغما يۈرەك كېسىلىدىن پەرىقلەندۈرمىز

داۋالاش پىرىنسىپى:

باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ كېسەگە قارتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ،يۈتەل پەسەيتىش بەلغەم بوشىتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىدى بىلەن دورا ئىشلىتىلىدۇ،سۈيدۈك ھەيدەش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىدى بىلەن دورا ئىشلىتىلىدۇ

داۋالاش ئۇسۇلى:

يۈتەل پەسەيتىش بەلغەم بوشىتىش نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش ، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىدى بىلەن لوئوق بادام، لوئوق سەرپىستان، لوئوق چىلغۇزا، زوپا شەربىتى، ھەببى غارىقۇن، ئەنسىل شەربىتى، مەجۇنى نۇجاھ قاتارلىقلار بېرىلىدۇ،سۈيدۈك ھەيدەش ،يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىدى بىلەن تۈۋەندىكى دورا ئىشلىتىلىدۇ.خېمىر سەندەل، خېمىر مەرۋايىت، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى ئەبرىشىم  قاتارلىقلار

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

تەستە سىڭىدىغان يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرمىز ،ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلدۇرمىز، كۆپ ھەركەت قىلىشتىن تۇزلۇق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش يەڭگىل ھەركەت قىلىش ،مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ،روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش كېرەك.

 تەييارلىغۇچى : يۇرەك . مىڭە .قان -تومۇ كىسەللىك بولۇمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282