busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 19 دىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 6450 قىتىم كۆرۈلدى

مېڭە تىقىلمىسى (سۇددىئى دىماغ)

پەرۋىش تەدبىرى:

1. پىسخىكا پەرۋىشى: كېسەللىكنىڭ ئاقىۋىتى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش بىمارنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئاسراش، ھەر خىل غىدىقلىنىشلاردىن بىمارنىڭ غورورىغا تېگىدىغان گەپ- سۆزلەردىن ساقلىنىش، بىمارنى ئۆز كېسىلىگە بولغان توغرا قاراشقا يېتەكلەپ ئۆز كېسەل ئالامىتىگە تولۇق غالىپ كېلىشىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش.

2. تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە: بىمارنىڭ قول يۇيۇش، ئېغىز چايقاش، ئۇزۇقلىنىش ۋە ھاجەتكە چىقىش، كىيىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۇ ئىشلارنى ئۆزى قېلىشىغا يېتەكلەش، كۆرپە- كىرلىقلارنى پاكىزە ساقلاش، قەرەللىك بەدەننى ئۆرۈش، ئىلمان سۇدا بەدىنىنى سۈرتۈش، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

3. يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە: بىمارنىڭ يۇتۇش ھەرىكىتىگە ئىلھام بېرىش تاماقنى دەسلەپتە ئاز يېيىش كېيىن تەدرىجىي كۆپەيتىش، تاماقنى يۇتقاندا كارۋات بېشىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ بېرىش، بىمارغا تاماقلارنى بېرىش، ئاچچىق قويۇق ۋە يېرىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلىش، تاماق ۋاقتىغا يېيىشنى رىئايە قىلپ كەچلىك تامىقىنى سائەت 6 دىن بۇرۇن يەپ بولۇش بەك تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىكنى تەپسىلى ئۇقتۇرۇش.

5. بىمار قويۇق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىش تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەش.

6. بىمارغا مۇنزىچ- مۇسھىل بەرگەندە قورساق ئاغرىش ئىچى سۈرۈش، يېنىك دەرىجىدە كۆڭۈل ئاينىش ئالامىتى كۆرۈلسە جىددىيلەشمەي ۋاقتىدا دوختۇر سېستىرالارغا مەلۇم قىلىش.

تەييارلىغۇچى : يۇرەك ، مىڭە ، قان - تومۈر كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282