بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 19 دىن 4 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7786 قىتىم كۆرۈلدى
يۇقۇرى قان بېسىمى (جۇشانى خۇن)
پەۋىش تەدبىرى:
روھىي كەيپىيات جەھەتتە: زىيادە ھاياجانلانماسلىق، چارچىماسلىق، ھەددىدىن زىيادە خوشال بولماسلىق، كۆپ ئاچچىقلانماسلىق، ئۇزۇن يول يۇرمەسلىك، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش.
2. يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە: يەللىك، مايلىق، تۇزلۇق تاماقلاردىن پەرىز قىلىش، لەتىپ ئاسان سىڭىدىغان ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى كۆپ ۋىتامىنلىق تاماقلار بىلەن ئۇزۇقلىنىش، كەچلىك تاماقنى چوقۇم سائەت 6 دىن بۇرۇن يەپ بولۇش، تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك ۋە ھاراق ئىچمەسلىكنى تەپسىلىي ئۇقتۇرۇش.
3. بىمارنىڭ بېرىلگەن دورىلارنى ۋاقتىدا، كۆرسەتمە بويىچە ئىسمال قىلىشقا يېتەكلەش.
4. بىمارغا مۇنزىچ- مۇسھىل بەرگەندە ئىچى سۈرۈش قورساق ئاغرىش، كۆڭۈل ئاينىش ئالامىتى كۆرۈلسە زىيادە جىددىيلەشمەي ۋاقتىدا دوختۇر سېستىرالارغا مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇرۇش.
5. بىمار سەي- كۆكتات، مىۋە- چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىش، كۈچەپ تەرەت قىلماسلىقنى تەپسىلى ئۇقتۇرۇش لازىم.
6. بىمارغا نىسبەتەن مۇھىت پەرۋىشنى ياخشى كۈچەيتىش.
تەييارلىغۇچى : يۇرەك ، مىڭە ، قان - تومۈر كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت