busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 13 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5978 قىتىم كۆرۈلدى

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى    (زەختە تۇل قەلىب)

پەرۋىش تەدبىرى:

1. ئارام ئالدۇرۇش: كېسەل قوزغۇلۇپ 1- 3 كۈنىگىچە كارۋاتتىن چۈشۈرمەي ئارام ئالدۇرۇش، تۇرۇش، تاماق يېيىش، تەرەت قىلىش، يۈز يۇيۇش، بەدەننى ئۇرۇش قاتارلىق ھەركەتلەردىن چەكلىنىدۇ. ھەمدە سېستىرالارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ.

2. ئاغىرىق پەسەيتىش: بىمارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ئاغىرىق پەسەيتىكۈچى دورىلارنى بېرىش، ھەمدە ئاغىرىق پەسيتىش ئەھۋالىنى سوراش تۇرۇش، تۆۋەن ئېىقىمدا داۋاملىق ئوكىسگىن پۇرىتىپ تۇرۇش كېرەك.

3. روھىي- كەيپىيات جەھەتتە: زىيادە ھاياجانماسلىق، چارچىماسلىق، ھەددىدىن زىيادە خوشال بولماسلىق، كۆپ چېچىلماسلىق ئۇزۇن يول يۈرمەسلىك، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش، كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش.

4. يېمەك- ئىچمەك پەرۋىشى جەھەتتە: ئەڭ دەسلەپكى 2- 3 كۈندە سويۇق يېمەكلىك ئاساس قىلىنىدۇ. كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۇماچ ياكى يېرىم سۇيۇق غىزالار بېرىلىدۇ. بىمارغا مايلىق، تۇزلۇق، تەستە ھەزىم بولىدىغان غەلىز غىزالاردىن پەرھىز قىلىش، لەتىف، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان غىزالارنى بېرىش، بىمارغا سەي- كۆكتات، مىۋە- چىۋىلەرنى كۆپرەك بىرىپ قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، كۈچەپ تەرەت قىلماسلىققا دەۋەت قىلىش، كەچلىك تاماقنى چوقۇم سائەت 6 دىن بۇرۇن يەپ بولۇش، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىك قاتارلىق نوقتىلارنى تەپسىلىي ئۇقتۇرۇش.

5. بىمارغا مۇنزىچ- مۇسھىل بەرگەندە ئىچ سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلىك كۆرۈلسە، جىدىيلەشمەستىن دوختۇر، سېستىرالارغا مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇرۇش.

6. بىمارغا نىسبەتەن مۇھىت پەرۋىشىنى ياخشى كۈچەيتىش.

 تەييارلىغۇچى : يۇرەك ، مىڭە ، قان - تومۈر كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282