busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 23 دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3319 قىتىم كۆرۈلدى

مۆرە بوغۇم ئەتراپ ياللۇغى

 

1.     تونۇش :
ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مۆرە بۇغۇم ئەتراپىدىكى مۇسكۇل ، پەي-تارامۇش ياكى شىللىق پەردە قاتارلىق توقۇلمىلارغا قان ۋە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان كىلىنىكىدا مۆرە بوغۇمىنى ھەركەتلەندۈرگەندە ياكى باسقاندا ئاغرىش ، مۆرە بوغۇمىنىڭ ھەركىتى قىسمەن توسقۇنلۇققا ئۇچراش ، ئېغىرلىرىدا مۆرە بوغىمىنى يىنىك ھەركەتلەندۈرگەندىمۇ چىدىغۇسىز ئاغرىش ، بوغۇم قېتىۋېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىك .
بۇ خىل كىسەللىك ئوتتىرى ياش ۋە ياشانغانلاردا ، ئەرلەرگە نىسپەتەن ئاياللاردا، ئوڭ مۆرىگە قارىغاندا سول مورىدە نىسپەتەن كۆپ كۆرىلىدۇ. كۆپۈنچە ئەھۋالدا بىر تەرەپ مۆرە بوغۇمى كىسەللىنىدۇ ، بۇخىلى يەككە تىپلىق مۆرە بوغۇم ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ ، ھەر ئىككى تەرەپ مۆرە بوغومى ئوخشاش كىسەللەنگۈچىلەر %8نى ئىگەللەيدۇ ، بۇخىلى قوش تەرەپلىك مۆرە بوغۇم ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ ، 50ياش ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كىسەل بولوش نىسپىتى ئەڭ يۇقىر بولۇپ 50 ياشلىقلار كىسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . كىسەللەنگەندىن كىيىن مورە بوغومى قاتتىقلىشىپ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ .خۇددى قىتىپقالغاندە بولوپ قالىدۇ . شۇڭلاشقا قىتىشىش خاراكتىرلىك مۆرە كىسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
2.    دىئاگىنۇز ئولچىمى :
 ئۇيغۇرتىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:
1)     كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن :
ئىلگىرى زەخمىلىنىش تارىخىنىڭ بار – يوقلىقى ، كەسپى ، بەدەن سۇپىتى ، يىشى قاتارلىقلارغا ئاساسەن.
2)    تىپىك كىلنىك ئالامىتىگە ئاساسەن:
مورە بوغوم ئاغرىش ، ھەركەتلەندۇرگەندە ئاغرىش سىزىمى كۇچىيىش ، ئاغرىق كېچىسى كۈچىيىىپ ئاغرىق تەرەپ مۆچىلەرگىچە تارقىلىش ، چاچ تاراش ، قولنى كەينىگە قايرىشنى قىلالماسلىق ، ئىغىرلاشقاندا مورە بوغوم ھەركىتى كورونەرلىك توسقۇنلۇققا ئۇچراش ، ھەركەتلەندۇرگەندە مورە بوغومدا سۇركىلىش سىزىمى بولوش ، مۆرە بوغىمى ئەتراپىدىكى بوغۇملار سىپازمىلىنىش ياكى يىگىلەش .
3)     قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :
سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش ئىلىپ بارغغاندا يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ كالتىسىيلاشقان سايىسى كۆرىنىش .
3.    كىلىنىكىلىق دەرىجىگە ئايرىش :
مۆرە ئەتراپ بوغۇم ياللۇغىنىڭ كىسەللىك تەرەققىياتىنىڭ تىز ئاستىلىقى ، كىلىنىكىلىق بەدەن بەلگىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مۆرە ئەتراپ بوغۇم ياللۇغىنى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ .
1) يىننك دەرىجىدە : كۈشلۈك ھەركەتلەندۈرگەندە ئاغرىش سىزىمى كۈچىيىش بولىدۇ . كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەركەتلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدۇ . مۆرە بوغۇم ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار ، پەي-تارامۇشلاردا ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ .
2) ئوتتىرھال دەرىجىە : ئادەتتىكى ھەركەتلەردە ئاغرىش ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەركەتلىرى نىسبەتەن توسقۇنلۇققا ئۇچراش ، كىسەللىك سەۋەپچىسى بولغان غەيرى تەبىئى خىلىت بەلگە ئالامەتلىرى پۈتۈن بەدەن ۋە يەرلىك ئورۇندا ئىپادىلىنىدۇ ، كىيىم كىيىش ، باشنى تاراش ، يۈز يۇيۇش ، مۆرە بوغىمىنى كەينىگە ئىگىپ تارغاق سۈڭىكىنى تۇتۇش قاتارلىق ھەركەتلەرنى ئىشلىگەندە ئاغرىق كۈچىيىدۇ ، مۆرە بوغۇم ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار ، پەي-تارامۇشلاردا ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ .
3) ئېغىر دەرىجىدە : ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ مۆرە بوغىمى يېقىمسىزلىنىش ، ھەركەت قىلغاندا ئاغرىش ، ئاغرىش ئورنى مۆرە بوغىمىنىڭ ئالدى سىرتقى تەرەپ ، تارغاق سۈڭەك ئۇدۇلى ، ئۇستۇنكى بىلەك ياكى يۇقىرى تۆۋەن بىلەك قاتارلىق ئورۇنلارغا تارقىلىش ، بىمار ئاغرىق ئازاۋىدىن ئاغرىق تەرەپ مۆرە بوغىمىنى ھەركەتلەندۈرۈشتىن قورقىدۇ ، ئاغرىق تەرەپ مۆرە بوغىمىنى بېسىپ يېتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ .
4. دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش :
1. شورلۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۆرە بوغۇم ئەتراپ ياللۇغى
2. سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان مۆرە بوغۇم ئەتراپ ياللۇغى
3. بەلغەم خىلىتى بىلەن سەۋدا خىلىتىنىڭ ئارلىشىپ غەيرى تەبىئى ئۆزگرىشىدىن كىلىپ چىققان مۆرە بوغۇم ئەتراپ ياللۇغى
5. داۋالاش پىرىنسىپى :
 (1) مىزاجنى تەڭشەش ، كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش- تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە مۇنزىچ- مۇسھىلى بىرىلىدۇ.
(2) بۇغۇمدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى -سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگەئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(3) سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .
1- شورلۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇرە بۇغۇم ياللۇغى
1)    دىئالىكىتىك ئانالىز :
مۆرە بوغۇم ئەتراپ ياللۇغىدا يەرلىك ئورۇندا ئۆتكۈر سەپرا خىلىتى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇپ مىقدار ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىپ شورلۇق بەلغەم خىلىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ . نەتىجىدە بۇخىل سان ھەم سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىپ كەتكەن شورلۇق بەلغەم خىلىتى ئۆزىنىڭ ئاسان چۆكمىگە چۈشۈش ، ماددا ئالمىشىشنى ئاستىلىتىش خۇسۇسىيىتى بىلەن بوغۇم ئارلىق بوشلۇقلىرىدا ماددا ئالمىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ ، توقۇلما ھۈجەيرىلەرنىڭ تەبىئى خىلىتلاردىن ئۇزۇق ئېلىپ ئۆزگەرتكۈچى قۇۋەت ۋە شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، بوغۇم يۈزىدىكى پەي-تارامۇش توقۇلمىللىرىنىڭ نۇرمال ماددا ئالمىشىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ كىرەكسىز ماددىلارنىڭ كۆپلەپ يىغىلىپ غىدىقلىنىش خارەكتىرلىك بوغۇم ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نەتىجىسىدە بۇ خىل كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بۇخىل غەيرى تەبىئى خىلىتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بەدەنگە تەسىر قىلىشى بىلەن
2)   ئالامىتى :
 بىمارنىڭ بەدىنىدە تىرىسى ئاق ، تۇتقاندا نەم سوغۇق ، تۇمۇرى ئىنچىكە ، تىز ، يۈزە ، تىرە سەزگۈرلىكى يۇقىرى ، كۆز ئېقى سارغۇچ ، كالپۇكى قېلىن ، ئېغىزتەمى ئاچچىق ، تىلىدا نېپىز ئاق گەز ۋە ئوخلىغاندا ئېغىزدىن شۆلگەي ئاقىدىغان بولىدۇ . ئۇيقۇ-ئۇسسۇزلىقى كۆپ ، خىيال ئاز ، بولۇپ مۆرە بوغىمى نىسبەتەن قىززىق ، تىرىسى قۇرغاق ، ئاغرىقنىڭ خاراكتىرى ئېچىشىش خاراكتىرلىك ئاغرىق بولۇپ ئاغرىق نىسبەتەن كۈشلۈك ، مۆرە بوغىمىنى ئاسان ھەركەتلەندۈرەلمەسلىك ۋە تەكشۈرۈش داۋالاشقا ماسلىشالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ . بىمار مۆرە بوغىمىنى سوغۇق تۇتۇشقا ئامراق بولىدۇ . يەللىك ، غەلىز ، ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلەر تەسىرىدىن كىسەللىك ۋە كىسەللىك ئالامىتى قوزغىلىدۇ .
3)    داۋالاش ئۇسۇلى :
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە شورلوق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 7 - 15 كۈن ئەتراپىدا بىرىلىدۇ ،
ماددا پىشقانلىق ئالامىتى:تۇمۇر ھەركىتى ،تىل گىزى ،چۇڭ-كىچىك تەرىتى ،ئاغىرىش ،بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشگە قاراپ شورلوق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4 - 6 كۈن ئەتراپىدا ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ.
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
سەپرانىڭ ئوتكورلىكىنى پەسەيتىش ، قىززىتما چۇشۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەخستىدە توۋەندىكى ياللۇغ قايتۇرۇش زىمادى يەرلىك ئورونغا تىڭىلىدۇ ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان بارىد ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىق تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ياللۇغ قايتۇرۇش ، سۇيدۇك ھەيدەش ، ئاغرى پەسەيتىش ،غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش، يۇرەكنى قوغداش مەخسەتتە: توۋەندىكى پىششىق دورىلار بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ10-30 كۈن ئەتراپىدا تاللاپ بىرىلىدۇ.

 ئەرقى بەدىيان ، ئەرقى كاسىنە،ئەرقى چۆبىچىن، ئەرقى سەندەل ، ئەرقى شوخلا ،ئۆشبە شەربىتى، قۇرسى ئىتتىرفل چوبىچىن ، قۇسى بىنەپشە،قۇرسى ئۆشبە، مۇنزىچ دانچىسى، كاشكاپ دانچىسى ،قۇرسى سۆرۈنجان ،قۇرسى يەھيا ، قۇرسى كۇرسىنگى، قۇرسى مەنتىن ،قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر   ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن ، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت ، ئەبرىشىم دانچىسى.

 بوغومدا قىتىشىش ، ھەركەت توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋالىنى ياخشىلاش مەخسەتتە مەخسۇس مۇرەككەپ قىيرۇتى تەييارلاپ كۇندە 1-2 قىتىم 15-25 كۇن يەرلىك مايلاپ ئىسسىق ئوتكوزلىدۇ .

 ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

  قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى ،قۇرسى داۋائىل مىشكى، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى،ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس ،شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى،سۇنبۇل شەربىتى،قۇرسى نۇجاھ .

  ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە توۋەندىكى شەربەتلەر مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

  قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى ،ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى ،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، سۇنبۇل شەربىتى، قۇرسى نۇجاھ .

 يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، سۇغۇق ئىچىملىك، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.

 ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر,باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي-كۆكتات قاتارلىقلار شۇنداقلا مۇئاپىق مىقداردا مىۋە – چىۋە بىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.

 زىيادە ھېرىپ- چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن، زۇكامداپ قېلشىتىن قەتئى ساقلىنىدۇ.  

2- مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان مورە بۇغۇم ياللۇغى
1)    دىئالىكتىك ئانالىز :

  مۆرە بوغۇم ئەتراپ ياللۇغىدا يەرلىك ئورۇندا تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ تەركىبىگە كۆيۈپ مىقدار ھەم سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگەرگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ قوشۇلىشى نەتىجىسىدە بەلغەم خىلىتىنىڭ مىقدار ھەم سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىپ مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنى شەكىللەندۈرگەن ، نەتىجىدە بۇخىل مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى ئۆزىنىڭ ئاسان چۆكمىگە چۈشۈش ، ماددا ئالمىشىشنى ئاستىلىتىش خۇسۇسىيىتى بىلەن بوغۇم ئارلىق بوشلۇقلىرىدا ماددا ئالمىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ ، توقۇلما ھۈجەيرىلەرنىڭ تەبىئى خىلىتلاردىن ئۇزۇق ئېلىپ ئۆزگەرتكۈچى قۇۋەت ۋە شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، بوغۇم يۈزىدىكى پەي-تارامۇش توقۇلمىللىرىنىڭ نۇرمال ماددا ئالمىشىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ كىرەكسىز ماددىلارنىڭ كۆپلەپ يىغىلىپ غىدىقلىنىش خارەكتىرلىك بوغۇم ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نەتىجىسىدە بۇ خىل كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چقىرىدۇ .

 2)   ئالامىتى :

 بىمارنىڭ بەدىنىدە تىرىسى كۆپۈنچە بوغداي ئۆڭ ، تۇتقاندا قۇرغاق سوغۇق ، تۇمۇرى ئىنچىكە ، ئاستا يۈزە ، تىرە سەزگۈرلىكى تۈۋەن ، كۆز ئېقى كۆكۈش ، كالپۇكى قېلىن ، ئېغىزتەمى تەمسىز ، تىلىدا قېلىن ئاق گەز بولىدۇ ، قىسمەن بىمارلاردا ئوخلىغاندا ئېغىزدىن شۆلگەي ئاقىدىغان ئەھۋال بولىدۇ ، دائىم ئېغىزى قۇرغاق بولىدۇ . ئۇيقۇ-ئۇسسۇزلىقى ئاز ، خىيال كۆپ ، ناھايىتى گۇمانخور بولۇپ مۆرە بوغىمىدىكى ئاغرىقنىڭ خاراكتىرى تېلىش خاراكتىرلىك ئاغرىق بولۇپ خۇددى مۆرە بوغىمى ئېغىرنەرسە كۆتۈرگەنلىك سەۋەپلىك ئاجراپ چۈشۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ ، مۆرە بوغىمىنى ئاسان ھەركەتلەندۈرەلمەيدۇ ، تۇتقاندا قۇرغاق سوغۇق بىلىنىدۇ ، تەكشۈرۈش داۋالاشقا ماسلىشالماسلىشالايدۇ . مۆرە بوغىمىنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئامراق بولىدۇ . يەللىك ، غەلىز ، سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلەر ئىستىمال قىلىش تەسىرىدىن كىسەللىك ۋە كىسەللىك ئالامىتى قوزغىلىدۇ
3)    داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 10-15 كۇن بىرىلىدۇ .

 ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4-6 كۇن بىرىلىدۇ .

 ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە : مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.

  قۇرسى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى شوخلا،ئەرقى چوبىچىن، ھەببى ماتىدىل ھايات، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر  ، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، قۇرسى كۇرسىنگى ، قۇرسى مەنتىن، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت، ئەبرىشىم دانچىسى.

 ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

  نارپىننە ئىچىملىكى ، قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى،  قۇرسى جاۋرىش جالىنۇس،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى.

  ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

مىڭىگە ھوللوك يەتكۇزۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش مەخسەتتە : ئۇيقۇ تالقىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى ، قۇرسى داۋائىل مىشكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، سۇنبۇل شەربىتى ، قۇرسى ئىتترفىل ئۇستىخۇددۇس ،ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، قۇرسى نۇجاھ.

  يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

مەجۇنى ئەفئى كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

 غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.

  ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتالىقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.

سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن، زىيادە ھېرىپ- چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن، زۇكامداپ قېلشىتىن، زىيادە قۇرۇق سۇغۇق مۇھىيتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ياشاش مۇھىيىتى ۋە خىزمەت مۇھىيىتىنى تەڭشەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىشقا دىققەت قىلىش.
3-غەيرى تەبىئى سەۋدا تەسىردىن كىلىپ چىققان مۆرە بوغۇم ئەتراپ ياللۇغى
1)    دىئالىكتىك ئانالىز :
 مۆرە بوغۇم ئەتراپ ياللۇغىدا يەرلىك ئورۇندا تەبىئى سەۋدا خىلىتىنىڭ تەركىبىگە مىقدار ھەم سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگەرگەن غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتى قوشۇلۇش نەتىجىسىدە سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگەرگەن غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنى شەكىللەندۈرگەن ، بۇخىل غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتى ئۆزىنىڭ ئاسان چۆكمىگە چۈشۈش ، ماددا ئالمىشىشنى ئاستىلىتىش خۇسۇسىيىتى بىلەن بوغۇم ئارلىق بوشلۇقلىرىدا ماددا ئالمىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ ، بوغۇم بوشلىقىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرنىڭ تەبىئى خىلىتلاردىن ئۇزۇق ئېلىپ ئۆزگەرتكۈچى قۇۋەت ۋە شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، بوغۇم يۈزىدىكى پەي-تارامۇش توقۇلمىللىرىنىڭ نۇرمال ماددا ئالمىشىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ كىرەكسىز ماددىلارنىڭ كۆپلەپ يىغىلىپ غىدىقلىنىش خارەكتىرلىك بوغۇم ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نەتىجىسىدە بۇ خىل كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
2)   ئالامىتى :
بىمارنىڭ بەدىنىدە تىرىسى قارامتۇل ، تۇتقاندا قۇرغاق سوغۇق ، تۇمۇرى ئىنچىكە ، ئاستا چوڭقۇر ، تىرە سەزگۈرلىكى تۈۋەن ، كۆز ئېقى كۆكۈش ، كالپۇكى نېپىز ، ئېغىزتەمى قىرتاق ، تىلىدا كۆكۈش ئاق گەز بولىدۇ ، دائىم ئېغىزى قۇرغاق بولىدۇ . ئۇيقۇ-ئۇسسۇزلىقى ئاز ، خىيال كۆپ ، ناھايىتى گۇمانخور بولۇپ مۆرە بوغىمىدىكى ئاغرىقنىڭ خاراكتىرى سىرقىراش خاراكتىرلىك ئاغرىق بولۇپ ئاغرىق نىسبەتەن كۈشلۈك ، مۆرە بوغىمىنىڭ ئىچى قۇرۇقتەك بىلىنىدۇ ، مۆرە بوغىمىنىڭ تىرىسى قۇرغاق سوغۇق بىلىنىش ، مۆرە بوغىمىنى ئاسان ھەركەتلەندۈرەلمەسلىك ۋە تەكشۈرۈش داۋالاشقا ماسلىشالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ . مۆرە بوغىمىنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئامراق بولىدۇ . يەللىك ، غەلىز ، سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش تەسىرىدىن كىسەللىك ۋە كىسەللىك ئالامىتى قوزغىلىدۇ
3)    داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ مۇسھىل بىلەن داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
دەسلەپتە غەيرى تەبىي سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى: تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4-8 كۇن بىرىلىدۇ .
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان سەۋدائى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە : مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ.
قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ، سوغوق يەللەرنى بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش ، ئاغرىق پەسەيتىش مەخسەتتە : مەخسۇس زىمادى سورونجان ، زىمادى ئەقىر قەرھا ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بوغومنىڭ قىتىشىش ، ھەركەت توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋالىنى ياخشىلاش مەخسەتتە مەخسۇس مۇرەككەپ قىيرۇتى تەييارلاپ كۇندە 1-2 قىتىم 15-25 كۇن يەرلىك مايلاپ ئىسسىق ئوتكوزلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاشنى مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.

  قۇرسى سۆرۈنجان ، ھەببى سۆرۈنجان، قۇرسى يەھيا ، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، قۇرسى كۇرسىنگى، قۇرسى مەنتىن ، ھەببى لوبوبى كەبىر،قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن، ئەرقى بەدىيان،ئەرقى شوخلا ، ئەرقى چوبىچىن ، ئەبرىشىم دانچىسى، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت .

  ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى،قۇرسى جاۋرىش ئامىلە، پىننە گۇلقەنىتى ، نارپىننە ئىچىملىكى،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى.

 ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

مىڭىگە ھوللوك يەتكۇزۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش مەخسەتتە : ئۇيقۇ تالقىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە:مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل ساددە مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە:  تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

  قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس،شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى ،سۇنبۇل شەربىتى ، قۇرسى نۇجاھ .

 يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

مەجۇنى ئەفئى كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4)   پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتالىقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن ، زىيادە ھېرىپ-چارچاشىتىن ، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن،زۇكامداپ قېلشىتىن، زىيادە قۇرۇق سۇغۇق مۇھىيتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ياشاش مۇھىيىتى ۋە خىزمەت مۇھىيىتىنى تەڭشەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىشقا دىققەت قىلىش.
تەييارلىغۇچى : سوڭەك - بۆغۈم كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282