busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 18 دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 6588 قىتىم كۆرۈلدى

ئاشقازان تۆۋەنلەش

تۇنۇش :

ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئاشقازان ۋە ئاشقازان تارمۇچلىرىنىڭ بوشاپ ئاشقازاننىڭ ئەسلىدىكى ئورنىنىڭ تۆۋەنگە سىلجشى بىلەن كىلىنكلىدا قوساق كۆپۇش تاماق سىڭمەسلىك ، ھەزىم بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تەركىۋى خارەكتىرلىك كىسەل . ئىگىزبوي ، ئۇرۇق كىشىلەردە كۆپ تۇققان ئاياللاردا  كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاشقازان چىقۇقىدىنمۇ پەرىقلەندۇرۇش كىرەك .

كىسەللىك سەۋەبى :

1.غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. بەدىنىمىزدىكى ئىچكى ئەزالار تۇتۇپ تۇرغۇچى پەي تارامۇچلارنىڭ ياردىمىدە بوشلۇقتا مۇقۇم تۇرىدۇ. ئەگەر بۇئەزالارنى تۇتۇپ تۇرغۇچى تارمۇچلار ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بوشاپ كەتسە شۇ ئەزا ئۆز ئورنىدىن تۆۋەنگە سىلجىپ كىتىدۇ. م: بالىياتقۇ تۆۋەنلەش ، ئۇچەي چىققۇچى ، سو ث چىقىش ، دىگەندەك .ئاشقازان تۆۋەنلەشتىمۇ ئاشقازان تۇتۇپ تۇرغۇچى تارامۇچلارنىڭ غەيرىتەبىئى بەلغەم خىلىتى ، بولۇپمۇ سۇيۇق بەلغەم خىلىتى ، بەلغەم خىلىتى مىقدارى جەھەتتىن كۆپىيش تەسىرىدىن بوشاپ كىتىپ ئاشقازاننى ئۆز ئورنىدا تۇتۇپ تۇرالماي تۆۋەنلەشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

2.ئۇزۇقلىنىش ئادىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە تۇرلۇك ھەزىم سىستىما كىسەللىكلىرى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.زىيادە تۇيۇپ تاماق يىيىش ، تاماق يەپلا كۇچلۇك ھەركەت قىلىش ، سۇغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىش ، سۇزۇلما ھەزىم بۇزۇلىش ، ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەردە ئاشقازاننىڭ يۇكى زىيادە ئىشىپ كىتىدۇ. ئاشقازاننىڭ ۋاختىدا بىكارلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئىغىرلىقى ئارتىپ ۋاقىتنىڭ ئۇتىشى بىلەن ئاشقازان تۆۋەنلەش كىلىپ چىقىدۇ.

3.قۇۋۋەت يىتىشمەسلىك ۋە بەدەن ئاجىزلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئىچ سۇرۇش ، ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ئاچ قىلىش، زىيادە ئىغىر جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش ،ئۇزۇن مۇددەت سۇزۇلما خوراتقۇچى كىسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش قاتارلىقلاردا بەدەن ئاجىزلىشىپ تارامۇچلارنىڭ كۇتۇرۇش كۇچى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ كىسەللىكلەردە بەدەن ئۇزىنىمۇ كۇتۇرەلمەيدۇ. داۋاملىق ياتقۇسى كىلىپ تۇرىدۇ.

 كىلىنكىلىق ئىپادىسى :

تەرەققىياتى ئاستا ،تۆۋەنلەش دەرىجىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئالامەتلەر ئوخشاش بولمايدۇ. بىماردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەزىم بۇزۇلۇش ، قوساق كۆپۇش ، تاماق سىڭمەسلىك ، ئالامەتلەر بولۇپ ھەرقىىتىملىق تاماق يىگەندە ئۆرە تۇرغاندا يول ماڭغاندا ئىغىر نەرسە كۇتۇرگەندە ،ئىغىرلىشىدۇ. ھەتتا كۇڭۇل ئىلىشپ قۇسىدۇ. قۇساقتا سانجىق پەيدا بولۇپ ، سانجىق پەيدا بولۇپ تارتىشىپ ئاغرىيدۇ. ئاغرىشى رىتىمسىز تەرتىپسىز بولىدۇ. ئايرىمك بىمارلاردا ئىچ سۇرۇش ، بىلەن قەيزىيەتلىك ئۇچەي غۇرۇلداش تاۋۇش كۇچىيىدۇ، (تاماق بونقىللىرنىڭ ئۇچەيگە يەتكۇزىلىشى ئاستا بولغاچقا ) بىمارنىڭ دەم ئىلىشى ،ئۇزۇقلىنىشى رىتىملىق بولسا كىسەللىك ئەھۋالىنى يەنگىللىشىدۇ.

دىئاگىنوز ئۆلچىمى:

1.بىمارنىڭ كىسەللىك تارىخى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ئۇزۇقلۇق ۋە يىمەك –ئىچمەك ئادىتى ، تۇرلۇك ھەزىم سىستىما كىسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش ، قان ئازلىق ، بەدەن ئاجىزلىق ، قاتارلىق كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن بىكىتىدۇ.

2.تىپىك كىلىنكىلىق ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگىنوز بىكىتىلىدۇ. :ھەزىم بۇزۇلۇش ،قۇساق كۇپۇش ، ئاشقازان ساھەسى تارتىشىپ ئاغرىش، ئۇرۇقلاش قاتارلىق مۇھىم كىلىنكىلىق ئىپادىللىرىگە ئاساسەن دىئاگىنوز قۇيۇلىدۇ.

3.رىنتىگىندە تەكشۇرش :رىنتىگىندە تەكشۇرگەندە داس سۇڭەك قىرى تەكشىلگىنى ئاساس قىلىپ تۆۋەنلەش دەرىجىسى بىكىتىدۇ. بۇ ئاشقازان ياللۇغى بىلەن پەرقلەندۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۇچ 

ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش

داۋالاش پرىنسىپى:سەۋەپچى ئامىللار نى يۇقۇتىش ، كىسەللىك ماددىسىنى تەنقىيە قىلىش ،ئاشقازاندىكى زىيادە ھۆللۇكنى تارقىتىش ، پىرىنسىپى بويىچە داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى:

1)ئالدى  بىلەن كىسەللىك ماددىسنى ئاساس قىلىپ تەنقىيە قىلىنىدۇ.

2)ئاشقازاندىكى ھۆللۇكنى قۇرۇتۇش، ئاشقازان تارمۇچلارنى كۇچەيتىش ،چىڭىتىش، مەخسىتىدە  دورىلار بىرىلىدۇ.

3) ئەگەر بۇ كىسەللىك ئۇمۇمى بەدەن ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا :بەدەننى ، پەي  مۇسكۇللارنى چىڭىتىش مەخسىتىدە : ماتىدىل ھايات ، ھەببى جەدۋارى ، ھەبىبى ئازارقى ،مەجۇنى ئازارقى ، جاۋارش جالىس قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ. سىرتتىن ياغلاش ئاشقازان ئۇدۇلىنى قەلەمپۇر يىغى ، قۇستە يىغى ، زەيتۇن يىغى ، دارچىن يىغى ، مەستىكى ، سەۋسەن يىغى ، غەلىز تاماقلاردىن پەرھىز قىلىش كىرەك.

      .ئالدىنى ئىلىش ۋە  داۋالاشتادىققەت قىلىدىغان ئىشلار

 1) ئۇزۇقلىنىشنى تەڭشەش زىيانلىق تاماقلاردىن يىراق تۇرۇش تاماق يەپ چۇقۇم 30ئارام ئىلىش

 2) ئارام ئىلىشنى كۇچەيتىش ،بۇلۇپمۇ يۇگۇرەش ئىغىر نەرسە كۆتۇرۇشنى  چەكلەش ،

 3) ئىچ كىيمنىڭ ئۇستىدىن تاسما بىلەن باغلىۋىلىش ، داۋاملىق ئىسسىق ئۆتكۇزۇش ،

 4)قۇساق مۇسكۇلىنى چىنىقتۇرۇش

تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282