busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 22 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 8059 قىتىم كۆرۈلدى

بۇۋاسىر

پەرۋىش تەدبىرلىرى:

1)    روھى جەھەتتىكى پەرۋىش: بىمارلارغا ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە پىسخولوگىيەلىك بىلىملەر سۆزلىنىپ بىمارلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ زىيادەچارچاش، ئاچچىقلىنىش، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن ساقلىنىپ ئۆزىدە ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

2)     ئوزۇقلۇق جەھەتتىكى پەرۋىش: بىمارغا تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى يىمەك- ئىچمەكلەردىن زىرە، قارمۇچ، ھەرخىل قاسقان تائاملىرى، ھاراق- تاماكا، لازا-ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىپ لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلىنىشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

3)    تازىلىق جەھەتتىكى پەرۋىش: بىمارلار بالنىسقا كىرگەن تۇنجى كۈندىن باشلاپ مۇھىت تازىلىقى، كېسەلخانا تازىلىقى ۋە شەخسى تازىلىققا يەنى مەقئەت تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش تەرەتتىن كىيىن ئسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش. يەرلىك ئورۇننىڭ قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۇنئى تالالىق ئىچ كىيىملەرنى كىيمەسلىك، پاختا رەختىن كىيىش، ۋاختى-ۋاختىدا ئالماشتۇرۇش ۋە دىزىنفىكسىيىلەپ تۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

4)    تۇرمۇش جەھەتتىكى پەرۋىش: بوۋاسىر كېسەلىلىكى ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۇرۇش سەۋەبىدىن مەقئەت تۇز ئۇچەي ئەتىراپىدىكى ۋىنا تومۇرلارغا ئاسانلا قان تولۇپ تەدىرىجى قېتىشىش نەتىجىسىدە بوۋاسىر پەيدا بولىدۇ.شۇڭا  بىمارلارغا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشتىن، يول يۇرۇشتىن، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۇرۇشتىن ساقلىنىپ يەڭگىل ھەركەت قىلىش، كۆپرەك ئارام ئېلىش، مىۋە-چىۋە، سەي كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

5)    دورا جەھەتتىكى پەرۋىش: بىمارلارغا قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە بىرىلگەن دۇرىلارنى مىقدارى، ئىچىش ئۇسۇلى بويىچە ئىستىمال قىلىشقا، مۇنزىچ مۇسھىلنى ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارغا ھەمدە شەربەت ئىچكەندە ئاشقازان ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسسىتىپ ئىچىشكە يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بولومىدىن باھارگۇل

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282