busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 6953 قىتىم كۆرۈلدى

بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى كىسەللىكىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت پەرۋىشى

روھى پىسخىكا پەرۋىشى:

بىمارنى تۈرلۈك غەم قايغۇلاردىن خالى قىلىپ دوراۋە داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىگە بولغان

ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش لازىم. بىمارنى روھى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇپ كىسەلدىن ساقىيىپ كىتىشىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كىسەللىك ئالامەتلىرىنڭ قايتا قوزغىلىش ياكى ئېغىرلاپ كىتىشىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۈتۈرگەلى بۇلىدۇ.

ئوزۇقلۇق پەرۋىشى:

بىمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يىمەك ئىچمەكنى ئايرىپ،تەستە سىڭىدىغان ،غىدىقلىغۇچى،يەل پەيدا قىلغۇچى،يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرلىدۇ.مەسىلەن:كالاگۆشى،ھورداپىشۇرغان تاماق،قىيمىلىق تاماقلار،لازا-ئاچچىقسۇ،زىيادە ئىسسىق،سوغۇق يىمەكلىكلەر.ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان غىدىقلاش تەسىرى يوق يەل پەيدا قىلمايدىغان يەڭگىل تاماقلار بىرىلىدۇ،مەسىلەن:چۈجە گۈشى،پاقلان گۈشى ۋە شورپىسى،شويلا ئاش...قاتارلىقلار.

دورا پەرۋىشى :

بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا خىلىت ئۆزگىرشىگە ئاساسەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە

دورا بىرلىدۇ.ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلاردىن شەربىتى ئۆشبە، ئىتتىرپىل چۆبىچىن بىرلىدۇ،سىرتتىن ۋاننىدا ئولتۇرغۇزۇش ،دورا كىلىزمىسى قىلىش،تۈۋەنكى قۇرساق ساھەسىگە

زىمات تېڭىش، يەرلىك ئۇرۇنغا سىرتتىن دورا سېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ  .مۇنزىچ ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

مۇنزىچنى تاماقتىن يېرىم سائەت كىيىن ئىسسىتىپ ئىچىلىدۇ،بۇجەرياندا زىيادە ھېرىپ چارچاش ،ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.بىمارنىڭ دورا ئىچكەندىن كىيىنكى دورىنىڭ تەسىرى ۋە ئەكىس تەسىرىنى ئىننچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش لازىم.

مۇسھىل ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

بىمارنىڭ ئىچكەن دورا مىقدارى ۋە ۋاقتىنى كۈزىتش ،دورىنىڭ رۇلى ۋە بىمارنىڭ ھاياتلىق بەلگىلىرى ،چوڭ كىچىك تەرىتى ،تىرە رەڭگى ،تىل گېزى ،كۆز ئېقى ،ئېغىز تەمى،سۇسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش ،بىمارغا كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىش،مىۋە-چىۋە سەي كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىىمال قىلىش تەۋسىيە قىلنىدۇ.

تۇرمۇش پەرۋىشى :

1-بىمارنىڭ شەخسى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بىرىش بۇلۇپمۇ كىيىم-كىچەك ،يوتقان كۆرپىلەرنىڭ

رەتلىك بۇلىشى، ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇپ،قايناق سۇغا بېسىپ كۇن نۇرىغا قاقلاپ قۇرۇتىش كىرەك

2-داۋالاش جەريانىدا بىمارغا پاكىزە ،ئازادە مۇھىت يارتىپ بىرىش،ياتاقنى ۋاقتىدا مىكروپسىزلاندۇرۇپ،قۇشۇمچە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

3-داۋالاش جەريانىدا بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ سىرتقى جىنسى ئەزا ھەر كۈنى ئىلمان سۇ ياكى ئەۋرەت يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن يۇيۇپ تۇرلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : ئاياللار كىسەللىك 3- بۆلۈمىدىن تۇنساخان

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282