بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7286 قىتىم كۆرۈلدى
يۈرەك سانجىقى (ۋەجىئۇل قەلىب)
پەرۋىش تەدبىرى:
1. بىمارغا ياخشى ئارام ئالدۇرۇش، زىيادە ھاياجانلانماسلىق، چارچىماسلىق، ھەددىدىن زىيادە خوشال بولماسلىق، بىمار كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش ھەم مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش
2. يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە: يەللىك مايلىق، تۇزلۇق، تەستە ھەزىم بولىدىغان غەلىز يېمەكلىكلەردىن پەرىز قىلىش، لەتىف، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، سۇيۇق سەلەڭ يېمەكلىكلەر ۋە سەي- كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىسىتمال قىلىش، كەچلىك تاماقنى چوقۇم سائەت 6 دىن بۇرۇن ئىستىمال قىلىش، تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك ۋە ھاراق ئىچمەسلىكنى تەپسىلىي ئۇقتۇرۇش.
3. روھىي كەيپىيات جەھەتتە: بىمار كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆپ ئويلىنىۋالماسلىق، كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش.
4. بىمارغا مۇنزىچ- مۇسھىل بەرگەندە ئىچى سۈرۈش قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئاينىش ئالامىتى كۆرۈلسە زىيادە جىددىيلەشمەي ۋاقتىدا دوختۇر، سېستىرالارغا مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇرۇش.
5. بىمار سەي- كۆكتات، مىۋە- چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىش، كۈچەپ تەرەت قىلماسلىقنى تەپسىلى ئۇقتۇرۇش لازىم
6. ساغلاملىق قاپچۇغىنى دائىم يېنىدا ئېلىپ يۇرۇشنى دەۋەت قىلىش.
7. بىمارغا نىسبەتەن مۇھىت پەرۋىشىنى ياخشى كۈچەيتىش.
تەييارلىغۇچى : يۇرەك ، مىڭە ، قان - تومۇر كىسەللىك بۆلۈمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت