busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 18 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 9017 قىتىم كۆرۈلدى

جىگەر قېتىش

تونۇش:

جىگەر قېتىش ھەرخىل سەۋەبلەردىن جىگەر توقولمىسى زەخمىلىنىپ،جىگەر ھۈجەيلىرى نىكىروزلىنىپ،يامراش خاراكتىرلىك بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار ئۈسۈپ،جىگەر ياپراقچىلىرىنىڭ تۈزۈلىشى قالايمىقانلىشىپ،يالغان ياپراقچە شەكىللىنىش بىلەن كىلىنىكىدا،جىگەر خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش،قورساققا سۇ چۈشۈش،قاناشقا مايىل بۇلۇش،جىگەر ئالقان ۋە ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ شەكىللىنىش،سېرىقلىق چۈشۈش،جىگەر چوڭىيىش،ياكى كىچىكلەش،قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىك.

كىسەللىك سەۋەبى:

1.  جىگەر ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2.  قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3.  تۇزلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

4.  سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5.  جىگەر قاپىلىق قۇرۇت كىسلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6.  يۈرەك كىسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

7.  زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

8.  ئوزۇقلنىش ئادىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كىلنىك ئىپادىسى:

دەسلەپتىكى ئالامىتى:دەسلەپكى دەۋىردە كۆرىنەرلىك ئالامەتلەر بۇلمايدۇ.پەقەت قىسمەن بىمارلادا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئالامەتلىرى بولىدۇ.مەسىلەن:ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ.ماغدۇرسىزلىنىدۇ.

ئېغىرلاشقاندىكى ئالامەتلىرى:ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئېغىر بولىدۇ.قاشقا مايىل بولىدۇ.جىگەر مەنبەلىك ھوشسىزلىنىش بولىدۇ.سېرىقلىق چۈشىدۇ. قان ئازلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ.

پـەرۋىش:

1. روھى پەرۋىشى جەھەتتىن:بىمارغا تەسەللى بىرىلىپ،ئۆزىنى خوشال-ئازادە تۇتۇش،زىيادە جىددىيلەشمەسلىك،كىسىلىنى كۆپ ئويلاپ ئۆزىگە يۈك قىلىۋالماسلىق،كىسىلىنىڭ ساقىيشقا بولغان ئشەنچ تورغۇزۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2. ئوزۇقلۇق پەرۋىشى جەھەتتە:تەستە ھەزىم بولىدىغان غىدىقلىغۇچى يەل پەيدا قىلغۇچى مايلىق يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىپ،ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەك ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.

3. تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە:بىمارغا تېنىچ-پاكىزە،ئازادە يورۇق بولغان كىسەلخانا مۇھىتىىنى يارىتىپ بېرىلىپ،بىمارنىڭ تولۇق ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

4. دورا پەرۋىشى جەھەتتە: دورىلارنى ۋاقىتىدا،ئۆلچەملىك،كۆرسەتمە بويىچە ئىستىمال قىلىشقا يەنى ھەر بىر خىل دورا ئارلىقىدا 10-5مىنۇت ئارلىق قالدۇرۇپ ئىستىمال قىلىش،شەربەت دورىلارنى ئىسستىپ ئىچىشكە يېتەكچىلك قىلىندى.

تەييارلىغۇچى:ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282