busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 18 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 8260 قىتىم كۆرۈلدى

قىزىل ئۆڭگەچ راكى

تۇنۇش :

قىزىل ئۆڭگەچ راكى ـ  قىزىل ئۆڭگەچ سىلىق يوللۇق مۇسكۇللىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت

غىدىقلىنىشى بىلەن راكقا  يامان سۇپەتلىك ئۆزگىرىشى ئايلىنىپ ئىلگىرلەش     خارەكتىرلىك يۇتۇش قىيىنلىشىش ،تۇش سۇڭەك ئارقا قىسمى ئاغرىش ،يۇتۇش قىيىنلاش

بىلەن ئىپادىىلىنىغان يامان سۇپەتلىك كىسەللىكتىن ئىبارەت .

1.كىسەللىك سەۋەبى :

خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزىلىشىى تەسىرىدىن  كىلىپ چىقىدۇ   ھەرخىل ئامىللار تەسىرىدىن بەدەندىكى خىلىتلاردا ئۆزگىرى يۇز پەيدا بۇلۇپ سەپرانىڭ كۇيۇشى بەلغەمنىڭ قۇيۇقلىشىشىغا ئوخشاش ئۆزگىرىش ياكى سەۋ دانىڭ بەدەندە كۆپىيىش شەكىللەنگەندە  بۇخىل ماددىلارنىڭ ئىممونىت كۇچىنى ئاجىز بۇلغان قىزىل ئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىنى تەكرار غىدىقلاش توقۇلما

پۇتۇنلىكىنىڭ بۇزىلىش ھەمدە شىللىق پەردىلەرنىڭ غەيرى ئۆ سۇپ تەرەققى قىلىشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ .

2. خىلىتلارنىڭ ناچار غىدىقلاش تەسىرى ؛ بەك يىرىك يىمەكلىكلەرنى تۇلۇق چاينىماي يۇتۇش ،قىزىق تاماق ئىستىمال قىلىش ،يۇقىرى گىرادۇسلۇق ھاراقلارنى ئىچىش قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ئامىللار يەرلىك ئورۇندا غىدىقلىنىش پەيدا قىلىش زەخمىلەندۇرۇش تەسىرى ئارقىلىق  كىسەللىك پەيدا بۇلىشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ .

3. قىزىل ئۆڭگەچ كىسەللىكىلىرىنىڭ تەسىرى ؛ قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغلىرى ۋە يارىلارنىڭ تەرەققىياتى تەترىجى  راك ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بۇلىشىغا سەۋەپ بۇلىدۇ .

4.  باشقا ئامىللار ؛ ۋىتامىن يىتىشمەسلىك ،تاماكا چىكىش ،ئېرسىيەت ئامىللىرى ۋە ئېغىز بوشلىقلىرىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولماسلىق سەۋەپلىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

كىلىنكىلك ئىپادىسى :

بىماردا دەسلەپتە بىرەر قانداق روشەن ئىپادە  شەكىللەنمەيدۇ ،تەترىجى يۇتۇش قىيىنلىشىش بۇلۇپ ،ھەقىيقى ئىپادىلىنىپ چىققان مەزگىلى ئاساسەن كىسەللىكنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە بېرىپ قالغان دەۋرى بۇلىدۇ .

دەسلەپكى دەۋرىلىك ئىپادىلىرى: يۇتقۇنچاقتا يات ماددا تۇرۇپ قالغاندەك سىزىم بۇلىدۇ ،تۇش سۇڭەك ئارقا سىدا يېقىمسىزلىق بۇلىدۇ ،كۆيگەن سىزىم شەكىللىنىدۇ ،تاماق ئىستىمال قىلغاندا قادىلىپ ئاغرىش ۋە تۇرۇپ قېلىش بولىدۇ يۇقىرى ئالامەتلەر نىسبەتەن يىنىك بۇلۇپ ،قاناش بولىدۇ .

ئاخىرقى دەۋىرلىك ئالامىتى : مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمارلاردا  ئوخشاش بۇلمىغان دەرىجىدە يۇتۇش قىيىنلىشىش بۇلىدۇ قىزىل ئۆڭگەچ دىۋارىنىڭ تارىيىشىنى  كەلدۇرۇپ چىقىرىدۇ دەسلەپتە يىرىك يىمەكلىكلەردە يۇتۇش قىيىنلىشىش بولسا كېيىنچە يۇمشاق يىمەكلىكلەردىمۇ يۇتۇش قىيىنلىشىش بۇلىدۇ ،ئاخىرىدا سۇ ئۆتمەيدۇ ،يىگەن غىزالار يېنىپ چىقىدۇ ،بىماردا ئورۇقلاش، قان ئازلىق  تىپىك كۆرىلىدۇ . رااك ئۇسمىسى تەرەققى قىلغاندا ئاۋاز پۇتۇش  ، نەپەس يۇللىرىنىڭ توسۇلۇشى قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى  ئېلىپ كىلىدۇ .

پەرۋىش دىئاگۇنۇزى :

1. ئاغرىش: راك ھۇجەيرىلىرىنىڭ قىزىل ئۆڭگەچ سىلىق يوللۇق مۇسكۇللىرىغاتەسىر قىلىپ قىزىل ئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىنى زەخمىلەندۇرشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

2. ئۇزۇقلىنىش تەڭپۇڭلىكنىڭ بۇزۇلىشى :ئورگانىزىم ئىھتىياجىنىڭ تۇۋەنلىشى بىلەن  راك ھۇجەيرىسىنىڭ ئوگانىزىمغا تەسىر قىلىشى

پەرۋىش تەدبىرى :

روھى پەرۋىشى  جەھەتتە  : بىمارغا روھى جەھەتتە تەسەللى بىرىلىپ ،كىسەللىك ،ئەھۋالىنى  بەك كۆپ ئويلاپ كەتمەسلىك ،ئۆزىنى خۇشال ،ئازادە تۇتۇش كېرەكلىكى چۇشەندۇرلۇپ ،بىمارنىڭ ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇغۇزىشقا ياردەم بىرىش

ئۇزۇقلۇق پەرۋىشى جەھەتتە :  بىمارغايىمەكلىك پەرھىزى چۇشەندۇرلۇپ ،غەلىز ،يەللىك غىزالاردىن پولو ، قىيمىلق تاماق ،مايدا قورۇلغان تاماق ،لازا، ئاچچىقسۇ ،قوي گوشى ، كالا گوشى قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىش ،لەتىف ،ئوڭاي سىڭىشلىق غىزالاربىلەن ئۇزۇقلىنىش يەنى خولوپ ئاش،  كۆكتات شۇرپىسى ،پىننە گۇلقەنتى ،قىزىل گۇل گۇلقەنتى،بىيە مۇرابباسى قاتارلىقلارنى كىسەللىك ئەھۋالىغا،مىزاجىغا قاراپ تاللاپ ئىستىمال قىلىشقا بۇيرۇش .

تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە :  بىمارغا يۇرۇق ،ئازادە ،پاكىزە بولغان ياتاق شارائىتى ھازىرلاپ بىرىپ بىمارنى ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش ،تۇلۇق ئۇخلاشقاشارائىت ھازىرلاپ بىرىش.

دۇرا پەرۋىشى قىلىش جە ھەتتە : دۇختۇر كۆرسەتمىسى بۇيىچە دورىلارنى بىرىش،   ،دورىلارنى دۇختۇر كۆرسەتمىسى بۇيىچە قائىدىلىك ئىستىمال قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىپ ،  دۇرىنىڭ ئىستىمال قىلغاندىن كېيىنكى ئۇنۇمى ۋە تەسىرى كۇزۇتۇلۇپ ۋاختىدا  خاتىر لەش ،ھاياتلىق بەدەن بەلگۇلىرى ، تەكشۇرۇپ تۇرۇش ،نورمالسىزلىق كۆرۇلسە دەرھال دۇختۇرغا مەلۇم قىلىش .

تەييارلىغۇچى:ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282